بولغۇسى ئانىلار دائىم پەلەمپەيگە چىقىپ - چۈشۈپھەرىكەت قىلىشى كېرەكمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
پەلەمپەيگە چىقىپ - چۈشۈشنىڭ قانداق ئارتۇقچىلىقى بار؟ ئۇ ھەرىكەتنىڭ ئۈنۈمىنى پەيدا قىلىپ، بولغۇسى ئانىلارنىڭ يۈرەك ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپلا قالماستىن، يەنە داس سۆڭەكنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ. ئۇنداقتا پەلەمپەيگە چىقىپ - چۈشۈشنىڭ زىيىنى بارمۇ - يوق؟ پەلەمپەيگە چىققاندا ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇپ، تىز بوغۇملىرىنىڭ سۈركۈلۈشىنى كۆپەيتىدۇ. شۇڭا، بۇ خىل ھەرىكەت چەكتىن ئېشىپ كەتسە، بەل ئاغرىقى ياكى تىزنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنداق بولغانىكەن پەلەمپەيگە چىقماي پەلەمپەيدىن چۈشسە بولىدىغاندۇ. ئادەم بەدىنى ئاناتومىيە تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ھەربىر پەلەمپەيدىن چۈشكەندە، تىز بوغۇملىرى بىر قېتىم ئورۇلىدۇ. شۇڭا تىزنىڭ يارىلىنىشى نىسبەتەن ئېغىر. شۇڭا پەلەمپەيگە چىقىش مۇۋاپىق (مەسىلەن، بىر كۈندە تۆت قەۋەتتىن ئارتۇق قەۋەتكە چىقماسلىق كېرەك)، يەنى پەلەمپەيگە پىيادە چىقىپ، چۈشۈشتە لېفىتتىن چۈشۈش كېرەك.