UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن پوپايكىنى سالغاندا <چاراس - چۇرۇس> قىلغان ئاۋاز ئاڭلىىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن پوپايكىنى سالغاندا <چاراس - چۇرۇس> قىلغان ئاۋاز ئاڭلىىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئاخشىمى ئۇخلاي دەپ پوپايكا سالغاندا <چاراس - چۇرۇس>قىلغان ئاۋازنى ئاڭلايمىز، ئەگەر چىراقنى ئۆچۈرۈۋەتسەك بەزىدە يالت - يۇلت قىلغان ئۇچقۇنلارنى كۆرىمىز. ئەمدىلا يۇيۇپ قۇرۇتقان چاچنى سۇلياۋ تارغاق بىلەن تارىساقمۇ بوشقىنە <چاراس - چۇرۇس> قىلغان ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ. بۇ قانداق ئىش؟ بۇ ھادىسىلەرنى جىسىملارنىڭ ئۆز ئارا سۈركىلىشىدىن پەيدا بولغان ستاتىك ئېلېكتر كەلتۈرۈپ چىقارغان. ماددا ئاتومدىن تەركىب تاپىدۇ، ئاتوم بولسا مەركىزىي بەلۋاغدىكى مۇسبەت توك ئاتوم يادروسى ۋە تاشقى بەلۋاغدىكى مەنپىي توك ئېلېكتروندىن تەركىب تاپىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئاتوم ئىچىدىكى مۇسبەت. ئەنپىي توك تەڭ بولىدۇ، سىرتقا توكنى نامايان قىلمايدۇ. جىسىملار توختىماي سۈركەلگەندە ئوخشاش بولمىغان ماددىنىڭ ئاتوم يادروسىنىڭ ئېلېكترونغا بولغان تارتىش كۈچى ئوخشاش بولمىغاچقا، تارتىش كۈچى ئاجىزراق جىسىمدىكى ئېلېكترون تارتىش كۈچى كۈچلۈكرەك جىسىمغا ئۆتىدۇ. نەتىجىدە ئېلېكتروندىن ئايرىلىپ قالغان جىسىمدا مۇسبەت توك بولىدۇ. ئېلېكترونغا ئېرىشكەن جىسىمدا مەنپىي توك بولىدۇ. مانا بۇ سۈركىلىشتىن پەيدا بولغان توك. بىز كۈن بويى توختىماي ھەرىكەت قىلغاچقا، پوپايكا بىلەن پاختا ئىچ - كىيىم، پوپايكا بىلەن تاش كىيىم توختىماي سۈركىلدىۇ. سۈركىلىشتىن كىيىمدە توك پەيدا بولىدۇ. ئاخشىمى پوپايكىنى سالغاندا مۇسبەت توك بىلەن مەنپىي توك يىغىلىپ، توك چىقىرىش ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىز <چاراس - چۇرۇس> قىلغان ئۇچقۇنلارنى كۆرىمىز. سۇلياۋ تارغاقتا تارىغان چاچمۇ ئوخشاشلا سۈركەلگەنلىكتىن بەزى ئېلېكترونلار چاچتىن تارغاققا ئۆتۈپ، چاچتا مۇسبەت توك، تارغاقتا مەنپىي توك پەيدا قىلىدۇ، مۇسبەت، مەنپىي توك يىغىلغاندا توك چىقىرىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، <چاراس - چۇرۇس> ئاۋاز چىقىرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن پوپايكىنى سالغاندا <چاراس - چۇرۇس> قىلغان ئاۋاز ئاڭلىىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki