نېمە ئۈچۈن تەركىبىدە فوسفور بار سوپۇن پاراشوكىنى ئىشلەتسە مۇھىتنى بۇلغايدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدىن باشلاپ ياپونىيە، كانادا، شۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر نىزام چىقىرىپ تەركىبىدە فوسفور بار سوپۇن پاراشوكىنى مەنئى قىلدى.
مەملىكىتىمىزمۇ 1998 - يىلىدىن باشلاپ تەيخۇ كۆلىنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا تەركىبىدە فوسفور بار سوپۇن پاراشوكى ئىشلىتىشنى مەنئى قىلدى، چۈنكى، تەركىبىدە فوسفور بار يۇندى دەريا، كۆل، دېڭىزلارنى بۇلغايدۇ.
فوسفور سۇدىكى يۈسۈن تۈرىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىشىگە كېرەكلىك مۇھىم ئوزۇقلۇق ماددا. ئەگەر سۇدا فوسفور بەك كۆپ بولۇپ كەتسە يۈسۈنلار كۆپىيىپ كېتىدۇ. يۈسۈنلار بىر تەرەپتىن سۇدىكى ئېرىگەن ئوكسىگېننىڭ كۆپ قىسمىنى خورىتىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بېلىق، راكلار ئوكسىگېن يېتىشمەي تۇنجۇقۇپ ئۆلىدۇ؟ يەنە بىر تەرەپتىن، بەزى زەھەرلىك يۈسۈنلار ناھايىتى تېز كۆپىيىدۇ. بېلىقلار ئۇنى يېسە زەھەرلىنىپ ئۆلىدۇ. بېلىق، راكلار كۆپلەپ ئۆلسە سۇ سېسىپ قارىداپ كېتىدۇ - دە، ئېكولوگىيىلىك سىستېما بۇزۇلىدۇ. ئەگەر ئادەملەر بۇ ئۆلۈك بېلىقلارنى ئۇقماي يەپ قالسا زەھەرلىنىپ قالىدۇ ھەتتا ئۆلۈپ كېتىدۇ. بىز دائىم ئاڭلايدىغان دېڭىز بۇلغىنىشى - قىزىل دولقۇن، دېڭىز سۈيىدە فوسفور ئېلېمېنتى قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار ئارتۇق بولۇپ كېتىپ، دېڭىزدىكى يۈسۈنلار پارتلاش خاراكتېرىدە كۆپىيىپ كېتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان.
مەملىكىتىمىزدە ھەر يىلى تەخمىنەن 450 مىڭ توننا فوسفورىك كىسلاتا دەريا، كۆللەرگە قويۇلىدۇ. بۇنىڭ تەخمىنەن يېرىمى كىشىلەر كۈندە ئىشلىتىدىغان سوپۇن، بولۇپمۇ تەركىبىدە فوسفور بار سوپۇن پاراشوكى. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرى، مەملىكىتىمىزنىڭ دېڭىز بويلىرىدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلىغان ئون قېتىم قىزىل دولقۇن پەيدا بولغان، 90 - يىللاردا تەخمىنەن 20 قېتىمغا يەتكەن. بۇ 20 يىلدا مەملىكىتىمىزدىكى نۇرغۇن كۆللەر مۇشۇ سەۋەبلىك <ئۆلۈك كۆل> گە ئايلىنىپ كەتتى. شۇڭا، سۇ بايلىقىنى قوغداش ئۈچۈن، سوپۇن پاراشوكى سېتىۋالغاندا فوسفور يوق سوپۇن پاراشوكىنى تاللىشىمىز لازىم.