<ئاددىي قوراللار> قانداق قىلىپ <پوروخلۇق قوراللار> غا تەرەققىي قىلغان؟
نېمە ئۈچۈن
ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا، سان - ساناقسىز ئۇرۇشلار بولغان. قەدىمكىلەر ئەڭ بۇرۇن تاش ۋە چوماقنى قۇرال قىلىپ ئىشلەتكەن، ئۇلار مۇشۇنداق قوراللارغا تاينىپ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغلىۋەتكەن ۋە ئوۋلىغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قەبىلىلەر ئارا ئۇرۇش قىلغان. كېيىن، كىشىلەر مىس ۋە تۆمۈرگە ئۇخشاش مىتاللارنى تاۋلاشنى ئۆگىنىۋالغان، بۇ مېتاللار تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ياساشقا ئىشلىتىلىپلا قالماستىن، يەنەقىلىچ، نەيزە، شەمشەر، يالمانلىق نەيزە قاتاردا سانىلاتتى. شۈبھىسىزكى، مېتالدىن ياسالغان جەڭ قوراللىرى تاش ۋە چوماققا قارىغاندا پۇختا ھەم ئۆتكۈر بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى بارغانسېرى كۆپەيدى ھەم ئىقتىدارىمۇ بارغانسېرى كۈچەيدى، شۇنىڭ بىلەن قوراللارنىڭ كۈچ - قۇدرىتىمۇ زور دەرىجىدە ئاشتى. بۇلاردىن سىرت، كىشىلەر يەنە ھەر خىل جەڭ ھارۋىلىرى، جەڭ كېمىلىرىنى كەشىپ قىلىپ، ئۇرۇشنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشتى.
مېتال قوراللار نەچچە مىڭ يىل ئىشلىتىلدى، بىراق ئۇلار ئادەم كۈچىگە تاينىپ ئىشلىتىلىدىغانلىقى ياكى ئات - ئۇلاغ، شامال كۈچىگە تاينىپ ھەرىكەتلەندۈرۈلىدىغانلىقى ئۈچۈن، <ئاددىي قوراللار> دەپ ئاتالدى. ⅢⅩئەسىرگە كەلگەندە، جۇڭگولۇقلار كەشىپ قىلغان مىلتىق دورىسى(پۇرۇخ) قوراللارغا ئوق سۈپىتىدە ئىشلىتلدى ھەمدە يىراققا ئاتىدىغان ئىپتىدائىي قارا مىلتىق بارلىققا كەلدى، شۇنىڭ بىلەن قورال - ياراغلارنىڭ تەرەققىياتى بىر يېڭى دەۋر - <پۇرۇخلۇق قوراللار> دەۋرىگە قەدەم قويدى. پوروخ گازى ھاسىل قىلىدىغان ئېنېرگىيە ئىنتايىن كۈچلۈك بولغانلىقتىن، <پوروخلۇق قوراللار> نىڭ ئۆلتۈرۈش - يارىلاندۇرۇش كۈچى <ئاددى قوراللار> غا قارىغاندا تېخىمۇ دەھشەتلىك ئىدى، پوروخ ئىشلىتىلىدىغان مىلتىق - زەمبىرەكلەرمۇ ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلدى. پار ماشىنىسىنىڭ كەشىپ قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ھەربىي پاراخوت، تانكا، ئايروپىلان قاتارلىق چوڭ تىپتىكى <پوروخلۇق قوراللار> ئارقا - ئارقىدىن بارلىققا كەلدى ھەمدە تەرەققىي قىلىپ، ئورۇشنىڭ كۆلىمى، سۈرئىتى ۋە شىددەتلىكى قاتارلىقلاردا زور ئۆزگىرىشلەر پەيدا قىلدى.