UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن ماشىنا ئادەملەر شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ماشىنا ئادەملەر شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىل ياساش زاۋۇتلىرىغا كىرسىڭىز، نۇرغۇنلىغان <قاۋۇل> ماشىنا ئادەملەرنىڭ توختىماي نەرسە نەرسە يۆتكەۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيسىز! بۇ ماشىنا ئادەملەر تەڭداشسىز كۈچ - قۇۋۋەتكە ئىگە بولۇپ، نەچچە توننا ئېغىرلىقتىكى نەرسىنى كۆتۈرەلەيدۇ. نېمە ئۈچۈن ماشىنا ئادەملەر شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ؟ كۆپچىلىككە مەلۇم، ئادەم مۇسكۇلغا تايىنىپ كۈچنى قولىغا يىغىدۇ. ماشىنا ئادەمنىڭ تېنىدە مۇسكۇل يوق، ئەمما ئۇلار <ھەرىكەتلەندۈرۈش قۇرۇلمىسى> غا ئىگە بولۇپ، شۇ ئارقىلىق كۈچ ھاسىل قىلىدۇ ھەمدە كۈچىنى ئىشلىتىدۇ. ماشىنا ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى - كومپيۇتېر ئۇنىڭغا نەرسە كۆتۈرۈشنى بۇيرۇغاندا، كومپيۇتېرنىڭ بۇيرۇقى ئېلېكتر سىگنالىغا ئايلىنىپ، ماتورنى ھەرىكەتلەندۈىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، تارتقۇ ياكى زەنجىر بۇ ھەرىكەتنى بېغىش بوغۇمى ۋە قولغا يەتكۈزىدۇ. بۇ يەردە ماتور، تارتقۇ قاتارلىقلار <ھەرىكەتلەندۈرۈش قۇرۇلمىسى> نى شەكىللەندۈرگەن. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ئېلېكتر سىگنالى قانچە كۈچلۈك بولسا <ھەرىكەتلەندۈرۈش قۇرۇلمىسى> نىڭ ھەرىكىتى شۇنچە تېز، قولنىڭ كۈچى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. بەزى ماشىنا ئادەملەرنىڭ <كۈچى> نى ئېھتىياجغا ئاساسەن لايىھىلەشكە ياكى تەڭشەشكە بولىدۇ. ئىنژېنېرلار ماشىنا ئادەمنىڭ قولىغا كۈچىنى ئۆلچەيدىغان سېنزور ئورنىتىپ قويسىلا، لازىم بولغاندا، ئۆلچەش ئېلىپ بېرىپ، قولنىڭ كۈچىنى تەڭشەپ، كونترول قىلغىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە