UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالا ئاغرىپ قالغاندا ئېمىتسە بولامدۇ؟

بالا ئاغرىپ قالغاندا ئېمىتسە بولامدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بەزى ئانىلار بالىلىرى ئاغرىپ قالغاندا ھەزىم قىلىشقا ناھايىتى مۇۋاپىق بولغان يېمەكلىكلەرنى بېرىش - بەرمەسلىك توغرىسىدا ئەنسىرەپ قالىدۇ، بىراق ھەرقانداق يېمەكلىك ئانا سۈتىدەك بولالمايدۇ. شۇڭا، بالىلار ئاغرىپ قالغاندا، يالغۇز ئانا سۈتى بېرىپلا قالماي، بەلكى ئانا سۈتى كېسەلنىڭ ئوزۇقلۇق كەم بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بالا ئاغرىپ قالغاندىن كېيىن ھەمىشە ئىشتىھاسى ناچارلىشىپ كېتىدۇ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىمۇ تۆۋەنلەپ، قىزىپ، ئىچى سۈرۈپ كېتىدۇ ياكى ياندۇرىدۇ. شۇڭا ئورگانىزملار خوراپ، ۋاقتىدا ئوزۇق تولۇقلىمىسا، ئوڭايلا ئوزۇقلۇق ناچار بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئانا سۈتىنى بولسا بالا ئەڭ ياخشى ھەزىم قىلىدۇ، بالىنىڭ ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق ۋە سۇلىرىنى تولۇقلايدۇ شۇنداقلا ئانا سۈتىدە نۇرغۇنلىغان ئىممۇنىتېت بار بولۇپ، بالىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. شۇنداقلا بىز يەنە پسىخىكا جەھەتتىكى داۋالاشقا دىققەت قىلىشىمىز لازىم، بالا ئاغرىپ قالغان مەزگىلدە داۋاملىق ئېمىتىش ۋە بالىنىڭ پسىخىكىسىدا خاتىرجەملىك پەيدا قىلىش كېرەك. ئانىنىڭ كۆز نۇرى، كۈلۈمسىرىشى، سىيلىشى بالىغا بىخەتەرلىك ۋە ئىشەنچ، قوللاش تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ، بالىنىڭ كەيپىياتىنى ياخشىلاپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى يېنىكلىتىدۇ. بالىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى تېز بولىدۇ، كېسەللىك سەۋەبىدىن دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان بالىلارمۇ داۋاملىق ئېمىشى كېرەك. بۇ، بالىنىڭ كېسىلىنىڭ ياخشىلىنىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە