UyghurWiki
UyghurWikiنەمەتانكىنىڭ برونېسى قانداق ياخشىلانغان؟

تانكىنىڭ برونېسى قانداق ياخشىلانغان؟

نېمە ئۈچۈن تانكىنىڭ مۇستەھكەم برونېسى بولغاچقا، <پولات قورغان> دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇرۇنقى تانكىلارنىڭ برونېسى بىر قانچە مىللىمېتىر قېلىنلىقتىكى نېپىز بىر قات پولات تاختىدىنلا ئىبارەت ئىدى. تانكىغا قارشى ھەر خىل قوراللارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، تانكىنىڭ برونېسىنى بارا - بارا قېلىنلاشتۇرماي بولمىدى، بەزى تانكىلارغا ھەتتا 150 مىللىمېتىر قېلىنلىقتىكى پولات تاختىلا ئىشلىتىلدى.بىراق، تانكىنىڭ برونېسىنى ھەددىدىن زىيادە قېلىنلاشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس ئىدى، بولمىسا تانكىنىڭ <ئېغىرلىقى> ئېشىپ كېتىپ، مېڭىشىغا ئەپسىز بولاتتى. ئۇنداق بولسا، تانكىنىڭ برونېسىنى قانداق ياخشىلاش كېرەك؟ بىرىنچىدىن، تانكىنىڭ ھەممىلا يېرىنىڭ برونېسىنى ئوخشاش قېلىنلىقتا ياساش ھاجەتسىز، زەمبىرەك مۇنارى ۋە ئالدى قىسمى قېلىنراق بولۇشى، باشقا جايلىرىنىڭ نېپىزرەك بولۇشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، برونېسنىڭ ئاسام يېرىلىپ كېتىشى، گۆمۈرلۈپ چۈشۈشى ۋە شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، قورال - ياراغ مۇتەخەسسىلرى ئادەتتىكى پولات تاختىنىڭ ئورنىغا ئىقتىدارى تېخىمۇ ياخشى بولغان قېتىشما مېتال ماتېرىيال ۋە بىرىكمە ماتېرىيالنى قوللىنىپ، كۆپ خىل يېڭى تىپتىكى برونېكلارنى لايىھىلەپ چىقتى. مەسىلەن، مېتال بىلەن مېتاللوئىدنى بىرىكتۈرۈپ ياسىغان بىرىكمە برونې ئىنتايىن چىڭ <رېزىنكە كەمپۈت> كە ئوخشاش بولۇپ، ئاسان يېرىلمايدۇ، يەنە بەزى برونېتلار <قىيمىلىق پېچىنە> گە ئوخشاش بولۇپ، ئىككى قات قېتىشما بولات تاختا ئارىسىغا سۇلياۋ، دېۋىرقاي ياكى ساپال قاتارلىق ماتېرىياللار ئېلىنغان، شۇڭا ئوقنىڭ زەربە كۈچىنى زور دەرىجىدە پەسەيتەلەيدۇ. بۇلاردىن سىرت، ئىككى قات پولات برونې ئارىسىغا ھېچنېمە سالمىسىمۇ، پولات برونېلار ئارىسىدىكى ھاۋا قاتلىمى زەمبىرەك ئوقىدىكى پوروخنى تېزلىكتە تارقىتىۋېتەلەيدۇ، مانا بۇ ئارىلىق قالدۇرۇلغان برونېنىڭ ئالاھىدىلىكى. بۇلاردىن باشقا، ئالاھىدە تىپتىكى برونې، دالدىلىما برونې، ئاكتىپ قوغدىنىش برونېسى قاتارلىق شەكىللىرىمۇ تانكىلارنىڭ قوغدىنىش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى
← بارلىق تېمىلار نەمە
تانكىنىڭ برونېسى قانداق ياخشىلانغان؟ | UyghurWiki | UyghurWiki