UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن يەل تاشمىنى تەكشۈرتۈش ئېلىپبېرىلىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن يەل تاشمىنى تەكشۈرتۈش ئېلىپبېرىلىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئانا تېنى ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى 12 ھەپتە ئىچىدە يەل تاشما كېسىلى بولسا، تۇغما غەيرىي بالا تۇغۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى چوڭ، ئەگەر ئىلگىرى بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ئىممۇنىتېت كۈچىگە ئېرىشىپ بولغان ئانىلار بولسا ئىككىنچى قېتىم بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولمايدۇ. بىراق قايتا يۇقۇملىنىش خەتىرىمۇ يوق ئەمەس. شۇ سەۋەبتىن ھامىلىدار ئاياللار ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە، ھامىلىدارلىقتىن ئىلگىرىكى يەل تاشما ئانتىتېلاسىنى تەكشۈرتۈش كېرەك. ئەگەر مەنپىي بولسا، يەل تاشما ۋاكسىنىسى ئۇرغۇزۇپ، ھامىلىدار بولغاندىن كېيىنكى ئىممۇنىتېت كۈچىنى تولۇقلاش كېرەك. ئەگەر ھامىلىدار بولغاندىن كېيىنكى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي بولسا، يەل تاشما ۋاكسىنىسىنى ئۇرۇشقا بولمايدۇ، پەقەت، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللانسا بولىدۇ. بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. ئەگەر ئاللىبۇرۇن يەل تاشما كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، بەدەن تېمپېراتۇرىسى °38 ئەتراپىدا بولسا ، ھەم بەدەندە تاشقى (ئەسۋە) پەيدا بولسا ئادەتتە ئۈچ - تۆت كۈندىن كېيىن، ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىدۇ. كۆپلىگەن قۇرامىغا يەتكەنلەردە بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ كېسەللىك ئالامىتى بىر ئاز ئېغىر.
← بارلىق تېمىلار نەمە