UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلار قانداق مىشقىرىش كېرەك؟

بالىلار قانداق مىشقىرىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن ئاتا - ئانىلار ھەرگىزمۇ مىشقىرىشنى كىچىك ئىش دەپ قارىماسلىقى، بالىلىق مەزگىلدىكى يېتىلىش دەۋرىدە بۇرۇن بوشلۇقى، قۇلاق ناغرا پەردىسى قاتارلىقلارنىڭ ناھايىتى ئاجىز بولىدىغانلىقىنى بىلىش كېرەك. ئەگەر توغرا بولغان مىشقىرىش ئۇسۇلىنى ئىگىلىمىگەندە ھەم چوڭلارغا ئوخشاش مىشقىرغاندا، ناھايىتى ئوڭايلا قۇلاق ناغرا پەردىسىنىڭ تېشىلىپ كېتىشىنى، قۇلاقنىڭ يىرىڭلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەتتا ئاڭلاش ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىشىمۇ مۇمكىن، شۇڭا، ئاتا - ئانىلار بالىلىرىغا توغرا مىشقىرىش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىشى كېرەك. توغرا بولغان مىشقىرىش ئۇسۇلى: ئاۋۋال ھاۋانى سۈمۈرۈپ، ئاندىن قولياغلىق ياكى قەغەز بىلەن بۇرۇننىڭ بىر تەرىپىنى بېسىپ، ئاندىن نەپەسنى قويۇۋەتكەندە، يەنە بىر بۇرۇن تۆشۈكىدىن ماڭقا ئېتىلىپ چىقىدۇ. ئاندىن ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن يەنە بىر تەرەپتىكى بۇرۇن تۆشۈكىنى تازىلاش، ھەرگىزمۇ بالىلارغا بارمىقى بىلەن بۇرۇننىڭ ئىككى تەرىپىنى چىڭ بېسىپ تۇرۇپ مىشقىرىش ئۇسۇلىنى ئۆگەتمەسلىك كېرەك. بۇرۇن ۋە بۇرۇندىكى نەپەس يوللىرىنىڭ بېسىمغا ئۇچرىشىدىن ساقلاپ، ماڭقا ۋە باكتېرىيىلەرنىڭ بۇرۇن كاۋاكلىرىغا كىرىپ كېتىشىدىن، ھەتتا يۇتۇش يوللىرى ئارقىلىق قۇلاققا كىرىپ، بۇرۇن كاۋاكلىرى ياللۇغى ۋە ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشى ھەم مىشقىرغاندا كۈچەپ مىشقىرماسلىق كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە