يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار توختىماي يىغلىسا قانداققىلىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار كۆزى يورۇپ دەسلەپكى يىغا ئاۋازى ئاتا - ئانا ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە چەكسىز خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ. بوۋاق قورسىقى ئېچىش، سوغۇق، ئاغرىق ھېس قىلغاندا ھەم باشقا ھەر قانداق ساقسىز ۋاقىتلاردا يىغلاش ئارقىلىق ئۆز ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدۇ، ئاتا - ئانىسىغا كۈتۈشكە موھتاج ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ يىغىسى فىزىئولوگىيىلىك يىغا ۋە پاتولوگىيىلىك يىغا دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. فىزىئولوگىيىلىك يىغا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تەن سالامەتلىكى ياخشى، كېسەل ياكى يارىلىنىش بولمىغان پەقەت ئادەتتىكى فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياج تۈپەيلى يەنى قورسىقى ئېچىش، چوڭ - كىچىك تەرەت، توڭلىغان چاغلاردىكى يىغلىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل يىغا ئادەتتە ئېھتىياجى قاندۇرۇلغاندىن كېيىن توختايدۇ. پاتولوگىيىلىك يىغا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كېسەل بولۇش ياكى ئېغىرراق يارىلانغاندىكى يىغلىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل يىغا ئاۋازى دائىم ئاۋازى ئىنچىكە، چىرقىراق بولىدۇ ھەم ئازابلانغان ھالەتنى ئىپادىلەيدۇ شۇنداقلا يىغلاپ توختىمايدۇ. كۆپىنچە قىزىش، يۆتەل، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، چىرايى تاتىرىش قاتارلىق پاتولوگىيىلىك ئالامەتلەر بىللە كېلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا دەرھال دوختۇرغا ئاپىرىپ داۋالاش كېرەك.