يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى ئىچ سۈرۈش دېگەن نېمە؟
نېمە ئۈچۈن
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى ئىچ سۈرۈشنى كۆپ خىل كېسەللىك سەۋەبى ۋە ئامىلى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇ، چوڭ تەرەت قېتىم سانى كۆپىيىش، ھالىتى ئۆزگىرىش ۋە ئېلېكترولىت قالايمىقانلىشىشنى ئاساسلىق ئىپادىسى قىلغان بىر گۇرۇپپا كېسەللىك. نورمال ئەھۋالدا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ چوڭ تەرەت قېتىم سانى بوۋاق ۋە بالىلاردىن كۆپ ھەمدە ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ چوڭ تەرەت قېتىم سانى سۈنئىي بېقىلغان يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭكىدىن كۆپ بولىدۇ. ئانا سۈتى بىلەن باققاندا، بالىلارنىڭ چوڭ تەرىتى سېرىق رەڭلىك، تەكشى يۇمشاق تەرەت بولۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن تۆت قېتىمغىچە، سۈنئىي باققان بالىلارنىڭ چوڭ تەرىتى سۇس سېرىق رەڭلىك شەكىلگە كىرگەن، تەرەت كۈنىگە بىر قېتىمدىن ئىككى قېتىمغىچە كېلىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى مۇكەممەل ئەمەس، ئۈچەي يولى شىللىق پەردىسى يۇمشاق، ئۈچەي دىۋارى ئىنتايىن نېپىز، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى ناچار، شۇڭا مۇۋاپىق ئوزۇقلاندۇرماسلىق، زىيادە سەزگۈرلۈك، ئۈچەي يولى ئىچى ياكى سىرتىدا يۇقۇملىنىش قاتارلىق ئامىللارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى چوڭ تەرەتنىڭ ھالىتى ۋە قېتىم سانىدا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىدۇ، ئېلېكترولىت قالايمىقانلىشىش بىللە كېلىدۇ ياكى كەلمەيدۇ، شۇنىڭدىن ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ.