UyghurWiki
UyghurWikiنەمەسامانيولى سىستېمىسىنىڭ سىرتىدا نېمە بار؟

سامانيولى سىستېمىسىنىڭ سىرتىدا نېمە بار؟

نېمە ئۈچۈن قۇياش سىستېمىسى ساناميولى سىستېمىسىغا جايلاشقان، غايەت زور سامانيولى سىستېمىسىمۇ پۈتكۈل ئالەمنىڭ ئۆزى ئەمەس. ئەگەر پۈتكۈل ئالەمنى چەكسىز كەتكەن بىر دېڭىزغا ئوخشاتساق، ئۇ ھالدا سامانيولى سىستېمىسى دېڭىزدىكى بىر كىچىك <ئارال> بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئالەمدىن ئىبارەت بۇ چوڭ دېڭىزدا يەنە مۇشۇنداق سان - ساناقسىز <ئارال> لار بار، ئۇلار سامانيولى سىرتىدىكى سامانيولى سىستېمىسىغا ئوخشاش چوڭلۇقتىكى يۇلتۇزلار سىستېمىلىرىدۇر. ئاسترونوملار بۇ سامانيوى سىرتىدىكى يۇلتۇزلار سىستېمىلىرىنى ئوبرازلىق قىلىپ <ئالەم ئارىلى> دەپ ئاتايدۇ. 1924 - يىلى ئامېرىكا ئاسترونومىيە ئالىمى ھۇببلې رېفلېكتورلۇق تېلېسكوپتىن پايدىلىنىپ ئاندرومېدا يۇلتۇز يۈركۈمىدىكى چوڭ تومانلىقنىڭ سامانيولى سىستېمىسىغا ئوخشاش يۇلتۇزلار سىستېمىسى ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. بۇ ئىنسانلار ئەڭ دەسلەپ بايقىغان سامانيولى سىرتىدىكى يۇلتۇزلار سىستېمىسى بولۇپ، ئۇنىڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى 2 مىليون 200 مىڭ يورۇقلۇق يىلى كېلىدۇ. كېيىن، كىشىلەر يەنە سامانيولى سىستېمىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىن ئىككى سامانيولى سىرتىدىكى يۇلتۇزلار سىستېمىسىنى بايقىدى، ئۇلار چوڭ ماگېللان بۇلۇتى ۋە كىچىك ماگېللان بۇلۇتىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 160 مىڭ يورۇقلۇق يىلى ۋە 190 مىڭ يورۇقلۇق يىلى كېلىدۇ. بۇ ئۈچ سامانيولى سىرتىدىكى يۇلتۇزلار سىستېمىسىنى بىز يەر شارىدا تۇرۇپ ئاددىي كۆزىمىز بىلەنمۇ كۆرەلەيمىز. ھازىر ئاسترونوملار چوڭ تىپتىكى تېلېسكوپتىن پايدىلىنىپ 10 مىليارد يورۇقلۇق يىلىدىنمۇ يىراقتىكى ئالەم بوشلۇقىنى كۆزىتەلەيدىغان بولدى، بۇ دائىرىدە تەخمىنەن بىر قانچە مىليارد سامانيولى سىرتىدىكى يۇلتۇزلار سىستېمىسىنى بايقىدى. بۇ سامانيولى سىرتىدىكى يۇلتۇزلار سىستېمىلىرىنىڭ بەزىلىرى ئېللىپىس شەكلىدە، بەزىلىرى بەئەينى سۇدىكى قاينامغا ئوخشاش ھالەتتە، بەزىلىرى كالتەك شەكلىدە بولسا، يەنە بەزىلىرى رەتسىز شەكىللەردە ئىكەن. سامانيولى سىرتىدىكى يۇلتۇزلار سىستېمىسىنىڭ بايقىلىشى ئىنسانلارنى ئۆزىنىڭ ئالەمدىكى ئورنىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. قۇياش سىستېمىسى سامانيولى سىستېمىسىدىكى ئاددىي بىر تۇرغۇن يۇلتۇز بولغىنىدەك، سامانيولى سىستېمىسىمۇ ئالەمدىكى ئاددىي بىر يۇلتۇزلار سىستېمىسىدىن ئىبارەتتۇر.
← بارلىق تېمىلار نەمە
سامانيولى سىستېمىسىنىڭ سىرتىدا نېمە بار؟ | UyghurWiki | UyghurWiki