بوۋاقلاردىكى ئىچ سۈرۈشنىڭ قانداق ئالدىنى ئالىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئىچ سۈرۈشنىڭ خەۋپىمۇ چوڭراق بولغانلىقتىن ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىپ، ئىمكانقەدەر كېسەللىنىش پۇرسىتىنى ئازايتىش كېرەك. ئاساسلىق تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك:
1. تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش. يېمەكلىك تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش ئاساسىدا يەنە قاچا - قۇچا، ئېمىزگۈ، ئويۇنچۇق ھەمدە باشقا بوۋاقلار بۇيۇملىرىنى پات - پات يۇيۇپ دېزىنفېكسىيىلەپ تۇرۇش، چوڭلار، بوۋاقلار پات - پات يۇيۇنۇپ تۇرۇش، پات - پات كىيىمىنى ئالماشتۇرۇپ شەخسىي تازىلىقىنى ياخشىلاش كېرەك.
2. ئىلمىي ئۇسۇلدا بېقىش. ئىلمىي ئۇسۇلدا ئېمىتىش ياكى قوشۇمچە يېمەكلىك بېرىش، بارا - بارا قەرەللىك، بەلگىلىك مىقداردا تاماق يەيدىغان ئادەتنى شەكىللەندۈرۈش.
3. مۇۋاپىق ئىسسىقلىق ساقلاش. ئەتىياز، قىش پەسىللىرىدە بوۋاقنى ئىسسىق ساقلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، پەسىل ئالماشقان ۋاقىتلاردا ماس ھالدا كىيىمىنى نېپىزلىتىش ياكى قېلىنلىتىپ، زۇكام قاتارلىق كېسەللەرنىڭ يۈز بېرىشىنى ئازايتىش. يازدا، كۈزدە تېمپېراتۇرىنى چۈشۈرۈش ۋە ئىسسىق ئۆتۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەش؛
④ بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش. بوۋاقنى كۆپ ئاپتاپسىندۇرۇش، كۆپ ھەرىكەت قىلدۇرۇش بىلەن بىللە يەنە ئۇۋۇلاش ۋە ساغلاملىق تەنھەرىكىتى ئىشلىتىش ئارقىلىق بوۋاقنىڭ بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.