UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن ئايروپىلانغا ئولتۇرغاندا بەزىدە قول سائەتتىكى ۋاقىتنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئايروپىلانغا ئولتۇرغاندا بەزىدە قول سائەتتىكى ۋاقىتنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ چەت ئەللەرگە ساياھەتكە بارغانلار جەزمەن مۇنداق كەچۈرمىشنى باشتىن كەچۈرۈشى مۇمكىن: ئايروپىلان يەرگە قونغاندا، ئايروپىلان خادىملىرى كىشىلەرنى قول سائىتىنىڭ ۋاقتىنى ئۆزگەرتىشكە ئاگاھلاندۇرىدۇ. مەسىلەن، بېيجىڭدىن نيۇيوركقا بارغاندا، ئايروپىلان ئەتىگەن سائەت سەككىزدە بېيجىڭدىن ئۇچسا، قول سائەت كۆرسەتكەن ۋاقتىقا ئاساسلانغاندا، ئايروپىلان كەچ سائەت سەككىزدە نيۇيوركقا يېتىپ بارىدۇ، سىز نيۇيوركقا يېتىپ بارغان چېغىڭىزدا، ئايروپىلان خادىملىرى سىزگە ھازىر نيۇيورك ۋاقتىنىڭ يەنىلا ئەتىگەن سائەت يەتتە ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ، بۇ زادى قانداق ئىش؟ بۇ يەر شارىنىڭ غەربتىن شەرققە قاراپ ئايلىنىدىغانلىقى، شەرقتە قۇياشنىڭ ھەمىشە غەربتىكىدىن بالدۇر كۆرۈنىدىغانلىقى سەۋەبىدىن بولىدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىنىڭ ۋاقتى ئوخشاش بولمايدۇ. قوللىنىشقا قۇلايلىق بولۇشى ئۈچۈن، كىشىلەر بىر كۈننىڭ 24 سائەت بولىدىغانلىقىغا ئاساسەن، پۈتكۈل يەر شارىنى 24 ۋاقىت رايونىغا بۆلگەن. يەر شارىدا ھەر 15 مېرىدىئان بىر ۋاقىت رايونى قىلىنغان بولۇپ، قوشنا ۋاقىت رايونلىرىنىڭ ۋاقتى بىر سائەت پەرقلىنىدۇ. ئەگەر سىز ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بىر قانچە ۋاقىت رايونىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەن بولسىڭىز، كۆزلىگەن يەرگە يېتىپ بارغاندا، قول سائىتىڭىزدىكى ۋاقىتنى ئۆزگەرتىشىڭىز لازىم. غەربكە قاراپ ئۇچقاندا، قول سائەتتىكى ۋاقىتنى كەينىگە بۇراش؛ شەققە قاراپ ئۇچقاندا، قول سائەتتىكى ۋاقىتنى ئالدىغا بۇراش كېرەك. ئېلىمىز بەش ۋاقىت رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئەمەلىي ئېھتىياجنى كۆزدە تۇتۇپ، پايتەختىمىز بېيجىڭ جايلاشقان <شەرقىي شەككىزىنچى ۋاقىت رايونى> نىڭ ۋاقتى پۈتۈن مەملىكىتىمىز بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن ئۆلچەملىك ۋاقىت قىلىنغان، بۇ ئادەتتە دېيىلىدىغان <بېيجىڭ ۋاقتى> دىن ئىبارەت. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئېلىمىز دائىرىسى ئىچىدە ساياھەت قىلغاندا، قول سائەتتىكى ۋاقىتنى ئۆزگەرتىشنىڭ ھاجىتى يوق.
← بارلىق تېمىلار نەمە