نېمە ئۈچۈن ئۈچ ئايلىق بوۋاقنىڭ چاپىقى كۆپ؟
نېمە ئۈچۈن
بوۋاق ئۈچ ئايلىق ئەتراپىدا، كۆزىنىڭ ئاجرالمىلىرى (ئادەتتە <چاپاق> دېيىلىدۇ) ئىنتايىن كۆپ، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئىككى خىل سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن. بىرى فىزىئولوگىيىلىك سەۋەب. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا بوۋاقنىڭ بۇرۇن ياش نەيچىسى تولۇق يېتىلمىگەنلىكتىن كۆز يېشىنى ئوڭۇشلۇق چىقىرىۋېتىشكە ئامالسىز، شۇنىڭدىن چاپاق يىغىلىپ قېلىش كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، نۇرغۇن بالىلاردا كىرپىكى تەتۈر ئۆسۈپ قېلىپ، كۆز كىرپىكىنىڭ قايتا - قايتا غىدىقلىشىدىن چاپاقنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى كۆپىيىدۇ. فىزىئولوگىيىلىك سەۋەب كەلتۈرۈپ چىقارغان چاپاق كۆپىنچە ئاق رەڭلىك شىلمىشىق سۇيۇقلۇق ھالىتىدە بولىدۇ. يەنە بىرى يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ئاساسلىقى باكتېرىيە خاراكتېرلىك بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى. بۇ خىل بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى كەلتۈرۈپ چىقارغان چاپاق كۆپىنچىسى سېرىق رەڭلىك يېپىشقاق ھالەتتە بولىدۇ. باكتېرىيە خاراكتېرلىك بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغىدا ئاسانلا ئۆزئارا يۇقۇملىنىش يۈز بېرىدىغانلىقتىن، ئاتا - ئانا بوۋاققا يېقىنلىشىشتا چوقۇم قولىنى پاكىز يۇيۇش كېرەك.