نېمە ئۈچۈن ئوغۇل بالىنى قىز بالىچە ياساپ قويماسلىق كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
بالىلار باغچىسىدا ياكى چوڭ كوچىدا، بەزىدە ناھايىتى چىرايلىق ياسىنىۋالغان <قىزچاق> لارنى كۆرۈپ قالىمىز، لېكىن ئەھۋالنى چۈشەنگەندىن كېيىن، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئوغۇل بالا ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. بۇ بالىلارنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ ئېيتىشىچە، قىز بالىلارنى ياساندۇرماق ئاسان ئىكەن، چېچىنى ئۆرۈپ، ئاغزىغا لەۋ سۇرۇخ سۈرۈپ، گۈللۈك كۆڭلەك كىيدۈرۈپ قويسا، بەك ئوماق بولۇپ كېتىدىكەن. يەنە كېلىپ بۇ ئائىلە باشلىقلىرى كۆڭلىدە قىز پەرزەنتى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىكەن.
بەلكىم بۇ بالىلارنىڭ ئاتا - ئانىسى ئۇزاق مۇددەت مۇشۇنداق بولۇۋەرسە، ناھايىتى يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلمىسە كېرەك. پسىخولوگىيدە <خاراكتېرىنى ئۆزى تونۇش> دېگەن بىر ئاتالغۇ بار، ئۇنىڭ مەنىسى مۇنداق: ئادەتتىكى ئەھۋالدا، بىر كىشى ئەر كىشى بولسا، ئۇ ئەلۋەتتە ئۆزىنى ئەر كىشى ھېسابلايدۇ؛ ئەگەر ئايال بولسا، ئۇمۇ ئەلۋەتتە ئۆزىنى ئايال ھېسابلايدۇ. لېكىن، ئەگەر بىر ئەر كىشى ئىكەنلىكى ئېنىق تۇرۇپ، كۆڭلىدە ھەمىشە ئۆزىنى ئايال ھېسابلىسا، كىيىنىش، ئۆزىنى تۇتۇش، يۈرۈش - تۇرۇش جەھەتتە ئاياللار بىلەن ئوخشاش بولۇشنى ياخشى كۆرسە، بۇ پسىخولوگىيىدە <ئۆز جىنسىنى خاتا تونۇپ قېلىش> دەپ ئاتىلىدۇ.
<ئۆز جىنسىنى خاتا تونۇپ قېلىش> تەك ھادىسىلەر ئاساسلىقى بالىلىق ۋاقتىدا يۈز بېرىدۇ. بۇ بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسى تېز يېتىلىۋاتقان باسقۇچ بولۇپ، نۇرغۇن ئىشلار ئۇنىڭدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ، ھەتتا ئۆمۈرۋايەت ئېسىدىن چىقمايدۇ. ئەگەر <ئۆز جىسنىنى خاتا تونۇپ قېلىش> ھادىسىسى شەكىللەنسە، بالىلارنىڭ جىنسىيەت پسىخولوگىيىسىدە بۇرمىلىنىش كېلىپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ كېيىنكى ھاياتى زىددىيەت، ئازاب ۋە تېڭىرقاش ئىچىدە ئۆتۈشى، ھەتتا ئوخشاش جىنىسلىقلارغا قىزىقىدىغان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.