نېمە ئۈچۈن ئاپتوموبىلغا ئولتۇرغاندا بىخەتەرلىك تاسمىسى باغلىنىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
دۆلىتىمىزنىڭ قاتناش ئشىلىرى يېقىنقى يىلاردىن بويان تېز تەرەققىي قىلماقتا. تاشيوللارنىڭ شارائىتىمۇ ئۈزلۈكسىز ياخشىلنماقتا، ئاپتوموبىللارنىڭ ئىقتىدارى تەدرىجىي ياخشىلىنىپ سۈرئىتىمۇ بارغانسېرى تېزلەشمەكتە. بولۇپمۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن، قاتناش بىخەتەرلىكى مەسىلىسىگە كىشىلەر بارغانسېرى ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى. يۇقىرى سۈرئەتتە كېتىۋاتقان ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ كېتىۋاتقىنىڭىزدا ئاپتوموبىل جىددى تورمۇزلانسا ياكى جىددىي بۇرۇلسا، ئىنېرتسىيىنىڭ تەسىرىدىن ئىختىيارسىز ئالدىغا ياكى ئىككى تەرىپىڭىزگە چايقىلىسىز، ھەتتا ئاپتوموبىل ئىشىكىدىن سىرتقا قاڭقىتىپ چىقىپ كېتىسىز. شۇڭا، يۇقىرى سۈرئەتتە ماڭىدىغان ئاپتوموبىلغا ئولتۇرغاندا، بىخەتەرلىك تاسمىسىنى باغلىۋېلىش ئىنتايىن مۇھىم. ئادەتتە ئاپتوموبىللارنىڭ ھەممىسىدە بىخەتەرلىك تاسمىسى بولىدۇ. تاكسىغا ئولتۇرغىنىڭىزدا <بىخەتەرلىك تاسمىسىنى چىڭ باغلىۋېلىڭ> دېگەن خەتنىڭ يېزىلغانلىقىنى دائىم كۆرسىڭىز. ئەمما بىز ئادەتتە تاكىسغا ئولتۇرغاندا، بىخەتەرلىك تاسمىسىنىڭ بارلىقىغا ھەمىشە سەل قاراپ، ئۇنى باغلىماسلىققا ئادەتلىنىپ قالغان، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىش ياخشى ئەمەس. بىخەتەرلىك تاسمىسىنى چىڭ باغلىغاندا، كىچىكرەك بولغاندا، جىددىي تورمۇز قىلىنغاندا، ئۇرۇۋېلىپ يارىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، چوڭراق بولغاندا، ئاپتوموبىل سوقۇلۇپ كەتكەندە يارىلىنىشنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ. كىچىك ئاپتوموبىللار يېنىك بولغاچقا، چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللار بىلەن سوقۇلۇپ كەتكەندە، يولۇچىلارنىڭ يارىلىنىش نىسبىتى چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىلنىڭ سەككىز ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. سىتاتىستىكا ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر خىل ئاپتوموبىل سوقۇلۇش ۋەقەسىدە، ئەگەر بىخەتەرلىك تاسمىسى ياخشى باغلانغان بولسا، ئاز دېگەندە %60 ۋەقەگە ئۇچرىغۇچىنى ئۆلۈمدىن ساقلاپ قالغىلى بولىدىكەن. بۇنىڭدىن ئاپتوموبىلغا ئولتۇرغاندا بىخەتەرلىك تاسمىسىنى باغلىۋېلىشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.