بولغۇسى ئانىلار ھامىلىنىڭ بىخەتەرلىكىگە قانداقھۆكۈم قىلىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئاي قورساق كۆتۈرۈپ، ساق - سالامەت تۇغۇۋېلىش ھەربىر بولغۇسى ئانىلارنىڭ ئارزۇسى ھەم شۇنداقلا بارلىق ئاياللار بۆلۈمىدىكى دوختۇرلارنىڭ ئۈمىدى. چۈنكى كۆپلىگەن بولغۇسى ئانىلار كەسپىي ئاياللار بولۇپ، ۋاقتى چەكلىك بولغاچقا، چوقۇم ھەپتە ئارىلىق قالدۇرۇپ ئاندىن بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلالايدۇ.شۇڭا، بولغۇسى ئانىلار ئادەتتە ھامىلىنىڭ ئەھۋالىغا ئۆزلۈكىدىن ھۆكۈم قىلالىشى، مەسىلە بايقالغان ھامان دوختۇرخانىغا بېرىپ، ھامىلىنىڭ قورساقتا ئۆلۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى لازىم. ئۇنداقتا، قايسى خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ھامىلىدە مەسىلىنىڭ بارلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ؟ جاۋابى ناھايىتى ئاددىي، ئۇ بولسىمۇ بولغۇسى ئانىلار ھەر كۈنى <ھامىلىنىڭ ھەرىكىتىنى> ساناپ تۇرۇشى كېرەك. ھامىلە ھەرىكىتى بولسا ھامىلىنىڭ زاپاس ئىقتىدارى بولۇپ، ئەگەر ئوكسىگېن كەم بولسا ھامىلە ھەرىكىتى كۆپىيىپ كېتىدۇ ياكى ئازلاپ قالىدۇ، ھەتتا ھەرىكەتلەنمەيدۇ.