نېمە ئۈچۈن ھاۋا سۈپەت مەلۇماتى ئېلان قىلىنىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ھاۋا سۈپەت مەلۇماتى شەھەرلەرنىڭ ھاۋاسىدىن ئۈلگە ئېلىش ھەمدە ئۇنى تەھلىل قىلىشتىن چىقىرىلغان مەلۇمات بولۇپ، ھاۋا سۈپىتى ئەھۋالىغا بېرىلگەن باھادۇر. ئۇ ئاساسلىقى گۈڭگۈرت دىئوكسىدى، ئازوت دىئوكسىدى ۋە چاڭ - توزاندىن ئىبارەت ئۈچ بۇلغانمىنىڭ ھاۋادىكى قويۇقلۇق دەرىجىسىگە ئاساسەن بېكىتىلىدۇ.
ھاۋادىكى گۈڭگۈرت دىئوكسىدى بىلەن ئازوت دىئوكسىدى كىسلاتالىق يامغۇر شەكىللەندۈرىدىغان ئاساسلىق ئامىل، ئۇلارنىڭ كۆپ قسىمى ئېلېكتر ئىستانىسىسى، ئاپتوموبىللاردىن چىققان كېرەكسىز گاز ۋە سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدىن قويۇپ بېرىلگەن نەرسىلەردىن كېلىدۇ. ئادەم ئۇزاق مۇددەت گۈڭگۈرت دىئوكسىدى ۋە ئازوت دىئوكسىدىنى سۈمۈرسە نەپەس سىستېمىسىغا زىيان يېتىدۇ. چاڭ - توزان ھاۋادىكى ئون مىكرومېتىردىن كىچىك بولغان دانچە ماددىلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار ھاۋادا ئۇزاق مۇددەت لەيلەپ يۈرىدۇ، ناۋادا ئادەم بەدىنى سۈمۈرۈۋالسا بىۋاستە ئۆپكىگە بارىدۇ ھەمدە ئۆپكىگە يىغىلىپ ئادەمنىڭ سالامەتىكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ.
مەملىكىتىمىزدە ھاۋا سۈپەت مەلۇماتىدىكى ئەڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچ - ھاۋانىڭ بۇلغىنىش كۆرسەتكۈچى. ئۇ، سان شەكلىدە ھاۋا سۈپىتى ئەھۋالىنى ئىپادىلەيدۇ. ھاۋانىڭ بۇلغىنىش كۆرسەتكۈچى بەش دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ. 50 تىن تۆۋەن بولسا ھاۋا سۈپىتى ئەلا بولىدۇ، تەبىئىي قوغدىلىدىغان رايون، مەنزىرىلىك رايونلارنىڭ ھاۋا سۈپىتى مۇشۇ ئۆلچەمگە يېتىشى كېرەك؛ 51 - 100 گىچە بولسا ھاۋا سۈپىتى ياخشى بولىدۇ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى توسالغۇغا ئۇچرىمايدۇ؛ 101 - 200 گىچە بولسا يېنىك بۇلغىنىش بولىدۇ؛ 201 - 300 گىچە بولسا ئوتتۇراھال بۇلغىنىش بولىدۇ؛ 300 دىن يۇقىرى بولسا ئېغىر بۇلغىنىش بولىدۇ. ئادەم ئۇزاق مۇددەت يېنىك بۇلغىنىشتىكى ھاۋا مۇھىتىدا ياشىسا، بەزى كېسەللىكلەرگە ئوڭاي گىرىپتار بولىدۇ.
ئاخبارات ۋاستىلىرىدە ئاشكارا ھالدا ھاۋا سۈپەت مەلۇماتىنى ئېلان قىلىش، بىر تەرەپتىن شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئۆزى تۇرۇۋاتقان شەھەرنىڭ ھاۋا سۈپىتىنى ئەتراپلىق چۈشىنىشىگە ياردەم بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن شەھەر ئاھالىسىنىڭ مۇھىت ئاسراش ئېڭىنىڭ ئۆسۈشى ۋە مۇھىت ئاسراش خىزمىتىگە قاتنىشىشىغا ياردىمى بولىدۇ.