يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ زاكىسىنى قانداقيۇيۇش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
پاختا رەخت زاكىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن مەيلى كونا، يېڭى بولسۇن ھەممىسىنى يۇيۇۋېتىش كېرەك. ئىشلىتىلگەن زاكىنى يۇغاندا ئاۋۋال زاكىدىكى پوقنى پاكىز قىرىۋېتىپ، نېيترال يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن ئەڭ ياخشىسى مەخسۇس بالىلار بۇيۇملىرىنى يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىپ يۇيۇسا ياخشى بولىدۇ. ھەربىر قېتىمىدا دېزىنفېكسىيىلىمەي بەش - ئالتە قېتىم ئىشلەتكەندىن كېيىن بىر قېتىم دېزىنفېكسىيىلىسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ھەزىم يولى كېسەللىكى ياكى قاپارتما قاتارلىق تېرە كېسەللىكى بىلەن كېسەللەنگەندە، ھەر قېتىم ئالماشتۇرغان زاكىنى دېزىنفېكسىيىلەش. زاكىنى دېزىنفېكسىيىلىگەندە مەخسۇس بىر سۇلياۋ چىلەك تەييارلاپ، زاكىنى چىلەككە سېلىپ مۇۋاپىق مىقداردا سۇ بىلەن مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى قۇيۇپ، پاكىز دېزىنفېكسىيىلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئاز دېگەندىمۇ ئالتە سائەتتىن ئارتۇق چىلاپ قويۇش، ھەر قېتىم زاكا يۇغاندا پاكىز چايقاش، ھەر قانداق يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ياكى دېزىنفېكسىيە دورىلىرىنىڭ قالدۇقى قالماسلىق كېرەك. بولمىسا زاكىنىڭ سۇ سۈمۈرۈشچانلىقىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماي يەنە بوۋاقنىڭ يۇمران تېرىسىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. پاكىز يۇيۇلغان زاكىنى شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان ئورۇندا قۇرۇتۇش، ئەڭ ياخشىسى ئاپتاپقا قاقلاش كېرەك.