نېمە ئۈچۈن بەزى ئۆسۈملۈكلەر شورلۇق تۇپراقلاردىمۇ ئۆسەلەيدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
كىشىلەر دائىم <خۇددى يارا ئېغىزىغا تۇز سەپكەندەك> دېيىش ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ كۆڭلىنىڭ ئېغىر زەربە يېگەنلىكىنى سۈپەتلەيدۇ.
ئوخشاشلا، تۇزنىڭ ئۆسۈملۈكلەرگە يەتكۈزىدىغان زىيىنىمۇ ئەجەللىك بولىدۇ. شورلۇق تۇپراقتا مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشى فىزىئولوگىيىلىك توسالغۇغا ئۇچراپ، نورمال ھالەتتىكى سۇ سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنى يوقىتىش تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كېتىدۇ، پەقەت بەزى شورتاڭلىق ئۆسۈملۈكلىرىلا ئۇ جايدا ئۆسەلەيدۇ. شورتاڭلىق ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ شورغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تۈرلۈك بولىدۇ:
بىرىنچى، بەزى شورتاڭلىق ئۆسۈملۈكلىرى، مەسلەن، شورا، سۇۋان قاتارلىقلار گۆشلۈك غول ۋە يوپۇرماققا ئىگە بولۇپ، غولى ۋە يوپۇرمىقىدا كۆپ مىقداردا تۇز تەركىبى بولىدۇ. بۇ تۇز تەركىبلىرى بىلەن ھۈجەيرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ماددىلار بىرلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار ئۆسۈملۈككە زىيان يەتكۈزمەيلا قالماستىن، بەلكى يەنە ھۈجەيرلەردىكى سۇنى سۈمۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئۆسۈملۈكنىڭ ھاياتىنى ساقلايدۇ.
ئىككىنچى، بەزى شورتاڭلىق ئۆسۈملۈكلىرى، مەسىلەن، ئودوتتېس سېروتىنا ئوتى (قوشۇق يوپۇرماقلىق ئوت)، يۇلغۇن قاتارلىقلارنىڭ غول - يوپۇرماقلىرىدا تۇزنى چىقىرىۋېتىدىغان بەز - ئاجرىتىپ چىقىرىش بېزى بولۇپ، ئۇ شورلۇق تۇپراقتىن سۈمۈرۈۋېلىنغان تۇزلارنى سىرتىغا چىقىرىۋېتىدۇ. شۇڭا، بۇ خىل ئۆسۈملۈكلەر يەنە <تۇز ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان ئۆسۈملۈكلەر> دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ئۈچىنچى، بەزى شورتاڭلىق ئۆسۈملۈكلىرى، مەسىلەن، ئادەتتىكى ئەمەن، جىگدە، سېسبانىيە ئوتى قاتارلىقلارنىڭ تېنىدە كۆپ مىقداردىكى ئېرىشچان ئورگانىك كىسلاتالار ۋە قەنتلەر بولۇپ، يىلتىز سىستېمىسىنىڭ تۇز تەركىبىنى ئۆتكۈزۈشچانلىقى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەركىبىدە بۇ خىل ئېرىشچان ماددىلار بولغانلىقتىن، ھۈجەيرىلەردىكى سۇ ئازىيىدۇ، بۇمۇ يىلتىز سىستېمىسىنىڭ سۇنى سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ، سۇلار بولىدىكەن، ئۆسۈملۈكلەر غەم - ئەندىشىسىز ياشىيالايدۇ.