UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى كىندىك چۇقۇقى دېگەن نېمە؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى كىندىك چۇقۇقى دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن كىندىك چۇقۇقى ئادەتتە يەل كىندىك دېيىلىپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق مەزگىلىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللەرنىڭ بىرى. بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن كىندىكنىڭ قالدۇق ئۇچى 3 ~ 7 كۈندىن كېيىن تۆكۈلۈپ كىندىك شەكىللىنىدۇ. قورساق تۈز مۇسكۇلى بۆلۈنۈشتىن كىندىك ھالقىسى پۈتمەسلىك ياكى تولۇق پۈتمەسلىك قاتارلىق سەۋەبلەردىن كىندىكتىكى تاتۇق توقۇلمىلىرى نېپىز، قورساق بوشلۇقىدىكى ئىچكى ئەزالار ياكى توقۇلمىلار كىندىك ھالقىسىدىن بەدەن سىرتىغا چىقىپ قېلىش، بىراق تېرە ۋە تېرە ئاستى توقۇلمىلىرى مۇكەممەل بولغانلىرى كىندىك چۇقۇقى دېيىلىدۇ. كىندىك چۇقۇقىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى بىردەك ئەمەس. مەجبۇرىي ھالدا دىئامېتىرىنىڭ 10 سانتىمېتىردىن چوڭ ياكى ئوخشاش ئەمەسلىكىنى سېزىۋالغىلى بولىدۇ. بوۋاق توختىماي يىغلاش، چوڭ تەرىتى قۇرغاق بولۇش، يۆتىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى قورساق ئىچكى بېسىمنى ئاشۇرۇۋېتىپ (مەسىلەن: يىغلاش، يۆتىلىش، چوڭ تەرەت قۇرغانلىق قاتارلىقلار)، قورساق بوشلۇقىدىكى ئىچكى ئەزالار بولۇپمۇ ئىنچىكە ئۈچەي بىلەن قورساق پەردىسى بىللە كىندىكتىن بارا - بارا سىرتقا چوقچىيىپ چىقىدۇ، كۆپ ئەھۋاللاردا كىندىك قىسمىدا بىر يېرىم شار شەكىللىك ئىششىق شەكىللىنىپ، باسقاندا بىر ئاز چىڭ بولىدۇ ھەمدە بۇ ئىششىق قايتالايدۇ. بوۋاق تىنچلانغاندا ياكى ئائىلە باشلىقى قول بىلەن بوش باسقاندا ئىششىق كىچىكلەيدۇ ياكى قورساق بوشلۇقىغا قايتىپ كىرىدۇ، بەزىدە گۈلدۈر - گۈلدۈر قىلغان ئۈچەي ئاۋازىمۇ بىللە ئاڭلىنىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، ئېمكانقەدەر قورساق بېسىمىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئېشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ھەمدە ئىششىقنى مەجبۇرىي قايتۇرماسلىق، پاتۇرۇۋېرىشتىن توقۇلما نېكروزلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. كىچىك كىندىك چوقۇقى نەچچە ئايلىقتىن ئۈچ ياشقىچە تەبىئىي پۈتۈپ كېتىدۇ. چوقۇق دىئامېتىرى بەش سانتىمېتىردىن چوڭ ياكى تەڭ بولغانلىرىنى تولۇقلاش ئوپېراتسىيىسى ئېلىپ بېرىش، دىئامېتىرى ئىككى سانتىمېتىردىن بەش سانتىمېتىرغىچە بولغانلىرىنى ئىككى ياشقىچە كۆزىتىپ بېقىپ ئاندىن ئوپېراتسىيە قىلىشنى ئويلىشىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە