نېمە ئۈچۈن كۆچمە تېلېفوننىڭ ئاۋازى ئادەتتىكى تېلېفونلارنىڭكىدەك ئوچۇق ئاڭلانمايدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
كۆچمە تېلېفوندا تېلېفون بەرگەندە، دائىم ئاۋازنىڭ ئانچە ئۇچۇق چىقمايۋاتقانلىقىنى، بەزىدە ھەتتا تۇيۇقسىز ئۈزۈلۈپ قالىدىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز. بۇ قانداق ئىش؟
ئەسلىدە، ئۆيگە ئورنىتىلغان ئادەتتىكى تېلېفون تېلېگراف ئىدارىسىنىڭ كونترول قىلىش ئاپپاراتى ۋە سىم يولى ئارقىلىق ئۇلىنىدۇ، بۇ خىل تېلېفون <سىملىق تېلېفون> دەپ ئاتىلىدۇ. سىملىق تېلېفوندا ئاۋاز سىگنالى ئېلېكتر سىگنالغا ئايلىنىپ، تېلېفون سىمى ئارقىلىق يەتكۈزۈلۈپ، ئاندىن كېيىن ئەسلىدىكى ئاۋازغا قايتىدۇ. ئېلېكتر سىگنالى يېپىق يوللۇق لىنىيە ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەچكە، تاشقى كاشىلىلارغا ئاسان ئۇچرىمايدۇ، شۇڭا ئاۋازى بىر قەدەر ئوچۇق بولىدۇ.
كۆچمە تېلېفون <سىمسىز تېلېفون> بولۇپ، ئۇنىڭدا رادىئو ئالاقە تېخنىكىسى قوللىنىلىدۇ. ئۇ تەقلىدىي ئاۋازنىڭ ئېلېكتر سىگنالىنى يوللىغاندا، مېتال سىملىق لىنىيە ئىشلەتمەستىن، رادىئو دولقۇنى ئارقىلىق بوشلۇقتا تەرەپ - تەرەپكە تارقىلىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا كۆچمە تېلېفون ئۇنى قوبۇل قىلىپ ئاۋازغا ئايلاندۇرىدۇ.
رادىئو دولقۇنى تارقىلىش جەريانىدا، ئاسانلا تاشقى ئېلېكتروڭد ماگنىت دولقۇنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا شاۋقۇن پەيدا بولىدۇ. ئالەمدىكى سامانيولى سىستېمىسى، ئاتموسفرادىكى چاقماق، گۈلدۈرماما ۋە سانائەت ئەسلىھەلىرىنىڭ ئېلېكتر ئەسۋابلىرىدىن پەيدا بولغان ئۇچقۇنلارنىڭ ھەممىسى چاستوتا دائىرىسى كەڭ بولغان ئېلېكتروماگنىت دولقۇنى ھاسىل قىلىدۇ. ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان چوڭ شەھەرلەرنىڭ بەزى جايلىرىدا رادىئو دولقۇنىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ ياكى بىر قىسمىنىلا قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ. شۇڭا كۆچمە تېلېفوننىڭ ئاۋازى بەك بوش، شاۋقۇنى كۈچلۈك بولۇپ، قوبۇل قىلىش سۈپىتى ناچارلاپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كۆچمە تېلېفوندا ئۇچۇر يەتكۈزۈش جەريانىدا سىگنالنى كۈچەيتكىلى بولمايدۇ، بۇمۇ ئاۋازنىڭ سۈزۈك بولماسلىقىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى.