UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلارنىڭ تىل ئىشلىتىش جەريانىدىكى يېڭىلىق يارىتىشىغا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟

بالىلارنىڭ تىل ئىشلىتىش جەريانىدىكى يېڭىلىق يارىتىشىغا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن بالىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى بالىلارنىڭ رەسىم سىزىش جەريانىدا ئىپادىلىنىپلا قالماستىن، يەنە تىل مەشىق قىلىش جەريانىدىمۇ بالىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ. يۇقىرىدا بىز تىل مەشىق قىلدۇرۇشنىڭ ئايرىم قىسىملىرىدا بالىلارنىڭ چوڭلارنىڭ تەلەپپۇزىنى دوراپ ئۆگىنىشى جەريانىدا قانداق ئۆگىنىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتۇق. ئەمەلىيەتتە بالا ھەرگىزمۇ پاسسىپ ھالەتتىكى دوراش ماشىنىسى ئەمەس. بالىلارنىڭ تىل ئۆگىنىش جەريانى بىر خىل ئاكتىپ، تەشەببۇسكار ھالەتتىكى، يېڭىلىق يارىتىشچانلىققا تولغان جەريان بولۇپ، بالىلار ئىلگىرى ئاڭلاپ باقمىغان سۆزلەرنى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدۇ، يەنە بۇرۇن ئۆگىنىپ باقمىغان سۆزلەرنى سۆزلىيەلەيدۇ. بالىلارنىڭ تىل جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىشى تىل ئۆگىنىش جەريانىدىكى دوراش شەكلىدىن ئايرىلالمايدۇ ھەم مۇشۇ ئاساستا تىلنى قانداق ئىشلىتىپ ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىنى ئىپادىلەشنى توختىماستىن ئۆگىنىدۇ. بالىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيىسى ئاساسىدىكى تىل ئىشلىتىش جەريانىدا تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەر ئىپادىلىنىدۇ: 1. ئىشلىتىش دائىرىسىنىڭ كەڭرىلىكى. بالا ئاستا - ئاستا شەيئىلەرنىڭ مەلۇم جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلىۋالغاندىن كېيىن بىر قىسىم سۆزلەر ئارقىلىق شەيئىلەرنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. مەسىلەن: ئويۇنچۇق ماشىنا، ئاپتوبۇس ۋە كىچىك ماشنىلارنى كۆرگەندە <ماشىنا> دېگەن بۇ سۆز ئارقىلىق بۇ نەرسىلەرنى ئىپادىلەشنى بىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوخشاش بولمىغان مەنزىرە، كۆرۈنۈش ئاستىدا بىر قىسىم تەكەللۇپ سۆزلىرىنى ئۆگىنىۋالىدۇ. مەسىلەن: <خوش> دېگەندەك. 2. ئېغىز تىلىدا جاۋاب بېرىشنىڭ ئاددىيلىشىشى. بالىلار ئېغىز تىلى ئارقىلىق ئىپادىلەشتە ئاددىي بولغان سۆزلەردىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ تەلىپىنى ئىپادىلەشكە ماھىر كېلىدۇ. مەسىلەن: ئۇ ئالمىنى كۆرگەندە، كىچىك قوللىرىنى سوزۇپ، <يەيمەن> دېگەن سۆزنى قىلىپ، چوڭلاردىن ئالمىنى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ خىل ئاددىي ھالەتتە ئىپادىلەش بولسا بالىنىڭ ئىگىلىگەن سۆزىنىڭ چەكلىكلىكىنىڭ ئاقىۋىتى. بىراق بالىلار چەكلىك بولغان سۆزلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دېمەكچى بولغان سۆزىنى ئىپادىلەپ بېرىشنى ئۆگىنىۋالىدۇ. ئاتا - ئانا بالىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭغا <بۇنى ئالما دەيمىز، ناھايىتى تاتلىق ۋە يېيىشلىك> دېيىشى كېرەك. 3. سۆز - جۈملىلەرنىڭ قۇراشتۇرۇلۇشى. بالىلار سۆز بىلەن سۆزلەرنى قۇراشتۇرۇپ جۈملە قىلىپ سۆزلەشنى بىلىۋالغاندىن كېيىن جۈملە بىلەن جۈملىنى بىر يەرگە قويۇپ مۇرەككەپ ئىدىيىنى ئىپادىلىيەلەيدىغان بولىدۇ. 4. جۈملىنى ئىشلىتىشنىڭ ئۆزگىرىشچانلىقى. بالا <يەيمەن> دېگەن سۆزنى ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن <مەن يەيمەن> <يېگۈم يوق> دېگەن سۆزنى قىلالايدۇ. ئەمەلىيەتتە بالىلار ناخشىسىنى ئېيتىش، ھېكايە سۆزلەش جەريانىدا ئىجادىي پىكىر قىلالايدۇ. ئاتا - ئانا بۇ ۋاقىتتا بالىنى داۋاملىق ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرسا، ئاندىن ئۇلار تولۇق جارى قىلدۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. يېڭىلىق يارىتىشتا بارلىق ئامىللاردىن ئايرىلالمايدۇ، شۇڭا يەنە بالىلار سۆزلۈكى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلار تىلىدا يېڭىلىق يارىتىش جەريانىدا ئېغىز تىلى تەرتىپىگە ماس كەلمەيدىغان سۆزلەرنى قىلىشى مۇمكىن. ئاتا ـ ئانىلار بۇنداق ۋاقىتتا دەرھال ۋاقتىدا تۈزىتىپ، بالىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىل ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىنى ئىپادىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، بالىلارنىڭ تىلى، تەپەككۇرى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى قاتارلىقلارنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.
← بارلىق تېمىلار نەمە