قانداق قىلغاندا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى مۇۋاپىقيۆگىگىلى بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى بەك چىڭ يۆگىۋەتمەسلىك، بوۋاقنىڭ پۇت - قولى تەبىئىي فىزىئولوگىيىلىك ھالىتىدە تۇرۇشى كېرەك. بوۋاقلارنى مۇۋاپىق يۆگەشنىڭ ئۇسۇللىرى:
1. ئاۋۋال نېپىز يۇڭ ئەدىيالنى يېرىم قاتلاپ ئۈچ بۈرجەك شەكلىگە كەلتۈرۈپ، باش تەرىپىنى ئۈستىگە قىلىپ كارىۋات ئۈستىگە تەكشى يايىمىز.
2. بوۋاقنى ئەدىيالنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ بوينىنى ئەدىيالنىڭ بېشى تەرىپىگە ئۇدۇللايمىز ھەم زاكىسىنى ياخشى ئورىۋالىمىز. كىندىكىنى يېپىۋالماسلىققا دىققەت قىلىش كېرەك.
3. بىر تەرىپىنى يېرىم قاتلاپ بوۋاق بەدىنىنى ئورايمىز، ئارتۇق قىسمىنى تەكشى قىلىپ بوۋاقنىڭ تېگى تەرىپىگە كىرگۈزىمىز.
4. ئۇنىڭدىن كېيىن قارشى تەرىپىنى ياخشى قاتلاپ كىرگۈزىمىز.
5. ئەڭ ئاخىرىدا، يەنە بىر قەۋەت يېيىلىپ تۇرىدىغان كىچىك يوتقاننى يېپىپ، يوتقان بۈرجىكىنى ئەدىيالنىڭ تېگىگە كىرگۈزۋېتىمىز.