UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن سۈت چىشنى خالىغانچە يۇلماسلىق كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن سۈت چىشنى خالىغانچە يۇلماسلىق كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن ھازىر بالىلاردىكى سۈت چىنى ئاساس قىلغان چىش كېسەللىكى كۈنسايىن كۆپەيمەكتە. بۇ بالىلار تېخى چىش ئالماشتۇرۇش يېشىغا يەتمىگەن بولسىمۇ، لېكىن چىشلىرى بەك بۇزۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ. چىش مىلىكىسى ياللۇغىلىنىپ، قىزىرىپ ئىششىپ، ھەتتا چىش يىلتىزى چىش مىلىكى پەردىسىنى تېشىپ چىقىپ، تاماق يېيىشىگە قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇۋاتىدۇ. بۇنداق چىشلارنى چىش ئالماشتۇرۇش دەۋرىگە يەتمىگەن بولسىمۇ تارتىۋېتىش كېرەك. ئەگەر سۈت چىش ئادەتتىكىدەك ياللۇغىلىنىپ قالغان، قۇرت يېگەن بولسا، ۋاقتىدا داۋالاش ياكى ياماش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بالىلارغا چىشنى چوتكىلاش، ئېغىزىنى چايقاش، ئېغىز بوشلۇقىنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىش كېرەك. ئادەمنىڭ ھاياتىدا ئالتە - يەتتە ياشقا كىرگەن ۋاقىت بالىلارنىڭ چىش ئالماشتۇرۇش مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ. بۇ چاغدا، ئەسلىدىكى سۈت چىشى تەدرىجىي ھالدا چۈشۈپ، مەڭگۈلۈك چىش چىقىشقا باشلايدۇ. بەزى ئائىلە باشلىقلىرى مەڭگۈلۈك چىش بەرىبىر چىقىدىغۇ، دەپ قاراپ، بالىلارنىڭ سۈت چىشىنى خالىغانچە يۇلۇۋېتىدۇ. بۇنداق قىلغاندا، بالىلارنىڭ مەڭگۈلۈك چىشى ئاسانلا قىڭغىر - سىڭغىر چىقىپ قېلىپ، بالىلارنىڭ چىرايى ۋە ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. سۈت چىشىنى بەك بالدۇر يۇلۇۋەتكەندە، قالغان چىشلار يەنىلا سۈت چىشىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ تۇرىدۇ - دە، چىشنىڭ ئورۇن يۆتكىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا سۈت چىشىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ياخشى ئاسراش، ئىمكان بار سۈت چىشىنىڭ شۇ مەزگىلىگە كەلگەندە ئۆزلۈكىدىن چۈشۈپ كېتىشىگە يول قويۇش كېرەك. ئەگەر سۈت چىشى ئالماشتۇرۇش دەۋرىگە كىرگەندىمۇ چۈشۈپ كەتمىسە، مەڭگۈلۈك چىشى چىققاندا بىر ياققا قىستىلىپ قېلىپ <مىنگەش چىش> بولۇپ قالىدۇ. بۇ چاغدا سۈت چىشىنى يۇلۇۋېتىپ، مەڭگۈلۈك چىشنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىش كېرەك. چىش ئالماشتۇرۇش دەۋرى ئۆتۈپ، سۈت چىشى چۈشمىسە، مەڭگۈلۈك چىشمۇ چىقمسا، دوختۇرخانىغا بېرىپ بالىنى تەكشۈرتۈش كېرەك. ئەگەر مەڭگۈلۈك چىش چىقىۋاتقان بولسا، سۈت چىشنى يۇلدۇرۇۋېتىش كېرەك. ئەگەر مىنگىشىپ چىققان چىشلار بولسا ۋاقتىدا يۇلۇۋېتىپ، ئېغىزدىكى باشقا چىشلارنىڭ ئورنىنىڭ يۆتكىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن سۈت چىشنى خالىغانچە يۇلماسلىق كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki