نېمە ئۈچۈن ئامېرىكىدا دائىم قارا قۇيۇن پەيدا بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئامېرىكا قارا قۇيۇن كۆپ چىقىدىغان رايون، ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدا ھەر يىلى 1000 - 2000 قېتىمغىچە قارا قۇيۇن چىقىدىكەن، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە بەش قېتىمدىن توغرا كېلىدۇ. قارا قۇيۇننىڭ بۇنداق كۆپ چىقىشى دۇنيادا تولىمۇ ئاز ئۇچرايدۇ.
ئامېرىكىدا قارا قۇيۇننىڭ كۆپ چىقىشى ئۇنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى، كىلىمات شارائىتى، شۇنىڭدەك ئاتموسفېرا (كونۋېكسىيە) ئايلانما ئېقىمى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بىرىنچىدىن، ئامېرىكىنىڭ شەرقى ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربى تىنچ ئوكيانغا يېقىنلىشىدۇ، جەنۇبىي مېكسىكا قولتۇقى بىلەن تۇتىشىدۇ، ئۈچ تەرىپى دېڭىز بولغاچقا، نۇرغۇن پارلار دېڭىزدىن كۆتۈرۈلۈپ ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىغا ئېقىپ كىرىدۇ. ئاسماندا پار كۆپەيسە ئاسانلا يامغۇرلۇق بۇلۇت بولۇپ شەكىللىندۇ، يامغۇرلۇق بۇلۇت تەرەققىي قىلىپ مەلۇم دەرىجىگە بېرىپ يەتكەندە قارا قويۇنغا ئايلىنىدۇ. ئىككىنچىدىن، ھەر يىلى ئەتىياز - ياز پەسلىدە، مېكسىكا قولتۇقىدىن كەلگەن ئىسسىق نەم ھاۋا ئېقىمى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا سۈرۈلىدۇ، ھالبۇكى بۇ چاغدا ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قسىمى دەل سۇبتروپىك يۇقىرى بېسىم كونتروللۇقىدا تۇرىدۇ، ھاۋادا تولۇق پار بولغاچقا، يۇقىرى ھاۋا بېسىمى يەنە ئۇنىڭ كۈچلۈك تىك كۆتۈرۈلىدىغان ھاۋا ئېقىمى پەيدا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ناھايىتى ئاسانلا گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر بۇلۇتىنى شەكىللەندۈرىدۇ، نەتىجىدە كۆپ ھاللاردا كۈچىيىپ قارا قۇيۇنغا ئايلىنىدۇ. ئامېرىكىدا قارا قۇيۇن ئەڭ كۆپ چىقىدىغان رايون ئۇنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمى. قارا قۇيۇننىڭ پەيدا بولۇشىدا مۇنداق ئىككى يول بار: بىرى، شەرقىي شىمالغىچە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مېكسىكا قولتۇقىدىن كەلگەن نۇرغۇن ئىسسىق نەم ھاۋا بىلەن سۇبتروپىك يۇقىرى ھاۋا بېسىملىق بەلۋېغى پەيدا قىلغان كۈچلۈك ھاۋا ئېقىمىنىڭ ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىشى ئارقىسىدا پەيدا بولىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا تاشيوللىرىدا ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان نۇرغۇن ئاپتوموبىللارمۇ قارا قويۇن پەيدا قىلىدىغان بىر سەۋەب ئىكەن. تېز سۈرئەتلىك تاشيولدا ئوڭ تەرەپنى بېسىپ كېتىۋاتقان بىر قانچە مىليون ئاپتوموبىل ئىستىرېلكا يۆنىلىشىگە قارشى بىر خىل قۇيۇن شەكىللەندۈرىدۇ، بۇ قۇيۇنلار ئۈستى ئۈستىگە قاتلىنىپ تۇرىدۇ، مۇبادا ئالاھىدە ھاۋا شارائىتىغا ئۇچراپلا قالسا قارا قۇيۇن بولۇپ شەكىللىنىدۇ.