يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا قانداق ئۇخلاش ھالىتىنىتاللاش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئۆزلۈكىدىن ئۆرۈلەلمىگەنلىكى، باش سۆڭىكى يۇمشاقراق، ئېلاستىكىلىقى كۈچلۈك بولغانلىقتىن ئۇزۇن مەزگىل بىر خىل ھالەتتە ئۇخلاۋەرسە، باش قىسمىدا غەيرىيلىك شەكىللەندۈرۈپ، گۈزەللىكىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي يەنە چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىنى چەكلەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن، چوقۇم يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئۇخلاش ھالىتىنى تەڭشەپ تۇرۇش، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ باش شەكلىنى تەكشى يېتىلدۈرۈش كېرەك. بوۋاقلارنىڭ ئوڭدىسىغا يېتىشى ئەڭ بىخەتەر بولۇپ، تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ. لېكىن ئۇزۇن مەزگىل ئوڭدىسىغا يېتىش ئاسانلا باش سۆڭىكى ياپىلاقلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، يەنە ئاسانلا سۈتتىن قېقىلىپ كېتىپ، نەپەس يولىدا تۇنجۇقۇش ياكى ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە باش سۆڭىكى ۋە مېڭە ئۇزۇن مەزگىل بېسىمغا ئۇچرىغانلىقتىن يەنە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؛ يېنىچە ئۇخلىغاندا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ماڭلىيى بىلەن گەجگە سۆڭىكى ھېچقانداق قىسىشقا ئۇچرىمايدۇ. يېشىغا يەتكەندە دالانچە تويۇنغان بولىدۇ ھەمدە قۇسۇش ياكى سۈت ياندۇرۇشنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. لېكىن ئۇزۇن مەزگىل يېنىچە ئۇخلىغاندىمۇ بوۋاقنىڭ يۈزى بەك ئۇزۇن بولۇپ قالىدۇ ھەمدە ئۇزۇن مەزگىل بىرلا تەرىپىنى بېسىپ ياتقاندا ئىككى يۈزى تەڭ بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېنىچە ياتقانداق قۇلاق سۇپرىسىنى كەينىگە قىلىپ قويۇش، ئالدىغا قىلىپ باسۇرۇپ قويماسلىق كېرەك. باشنى تۆۋەن قىلىپ ئۇخلىغاندا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار بىر ئاز تۇراقلىق ئۇخلايدۇ. ئاسانلىقچە قۇسۇۋەتكەن سۈت كانايغا كىرىپ كەتمەيدۇ ھەمدە يۈز شەكلى چىرايلىقراق بولىدۇ. ئەمما بۇرۇن تۆشۈكى ئاسان توسۇلۇپ قېلىپ، تۇيۇقسىز ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۇۋاپىق ئۇسۇل بولسا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئۇخلاش ھالىتىنى دائىم تەڭشەپ تۇرۇش، ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بېشىنى تۆۋەن قىلىپ ياتقۇزغاندا چوقۇم مەخسۇس ئادەم قارىشى كېرەك