UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبىر - ئىككى ئايلىق بولغان بوۋاقلارنىڭ ئەقلىي قابىلىـيىتىدە قانداق ئالاھىدىلىكلەر بولىدۇ؟

بىر - ئىككى ئايلىق بولغان بوۋاقلارنىڭ ئەقلىي قابىلىـيىتىدە قانداق ئالاھىدىلىكلەر بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بىر - ئىككى ئايلىق بولغان بوۋاقلار بېشىنى 30 سېكۇنت ئەتراپىدا كۆتۈرۈپ تۇرالايدۇ. كۆزلىرى بىلەن نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ. ھەرىكەتچان نەرسىنى قوغلىيالايدۇ، كۆز ئالدىدىكى ئويۇنچۇق ۋە چىرايغا تىكىلىپ دىققەت بىلەن قارىيالايدۇ. بوۋاقنىڭ ئىپادىسى بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلايدۇ. ئەگەر بىرەر ئادەم ئۇنى بىرەر نەرسىگە جەلپ قىلسا، ئۇ مۇناسىپ ئىنكاس قايتۇرالايدۇ ياكى خۇشاللىق بىلەن پۇت - قوللىرىنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ ياكى كۈلۈمسىرەپ قويىدۇ ۋە ياكى ۋىلىقلاپ كۈلەلەيدۇ. ئۆزىگە تونۇش بولغان ئاۋازنى ئاڭلىغاندىن كېيىن يىغىسىنى توختىتالايدۇ ھەم شۇنداقلا خۇشاللىقى بىلەن خاپىلىقىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ. خۇشال بولمىغان ۋاقىتتا يۇقىرى ئاۋازدا يىغلايدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە