UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبوۋاق قۇرۇق لۆڭگە بىلەن قانداق ئۇۋۇلىنىدۇ؟

بوۋاق قۇرۇق لۆڭگە بىلەن قانداق ئۇۋۇلىنىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن قۇرۇق لۆڭگە بىلەن ئۇۋۇلاش ئادەتتىكى ئۇۋۇلاش ھەرىكىتى بىلەن ئوخشىمايدۇ، ئۇ پۈتۈن بەدەننىڭ تېرىسىنى نەزەردە تۇتۇپلا قالماي يەنە پەللە ئىزدەش قاتارلىق كەسپىي بىلىملەرنىڭ ھاجىتى يوق. ئىنتايىن ئەپچىل، قۇرۇق لۆڭگىدە ئۇۋۇلاش ئېلىپ بارغاندا بوۋاقنى كارىۋاتتا ياتقۇزۇپ، كىيىمىنى سالدۇرۇۋېتىپ، ئىشلىتىشكە تەييارلانغان پاكىز، يۇمشاق، قۇرۇق لۆڭگە بىلەن بوۋاقنىڭ پۈتۈن بەدىنىگە سۈركەپ چىقىلىدۇ. پۇت - قولىغا كەلگەندە پۇتنىڭ ئۇچى ۋە قولنىڭ بارماقلىرىدىن بەدەنگە قارىتىپ يەڭگىل سۈركىلىدۇ، دۈمبىنى ئۇۋۇلاشتا، تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاراپ سۈرتسە بولىدۇ، قورساق قىسمىنى ئۇۋۇلاشتا، سائەت ئىستېرىلكىسىنىڭ ئوڭ يۆنىلىشى بويىچە ئېلىپ بارسا بولىدۇ لېكىن كۈچەشكە بولمايدۇ، بولمىسا بوۋاق ئۇنىمايدۇ. ئومۇمەن، قۇرۇق لۆڭگىدە بەدەننىڭ ئاخىرقى ئۇچلىرىدىن مەركەزگە قاراپ، تېرە قىزارغىچە ئۇۋۇلسا بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە