UyghurWiki
UyghurWikiنەمەقارا چېكەتكە نىمە ئۈچۈن سوقۇشقاق كېلىدۇ؟

قارا چېكەتكە نىمە ئۈچۈن سوقۇشقاق كېلىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن قارا چېكەتكىنىڭ ناھايىتى سوقۇشقاق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلار بولمىسا كېرەك، ئىككى ئەركەك قارا چېكەتكە ئۇچرىشىپ قالسا، قاتتىق سوقۇشۇپ كېتىدۇ. قارا چېكەتكە نېمە ئۈچۈن سوقۇشقاق كېلىدۇ؟ ئالىملار ناھايىتى بىر سېلىشتۇرما تەجرىبە ئىشلەپ كۆرگەن. بىر ئەركەك قارا چېكەتكە سېلىنغان كوزىغا يەنە بىر ئەركەك قارا چېكەتكىنى سېلىپ قويغان، ئىككى قارا چېكەتكە بىر - بىرىنىڭ سالاھىيىتىنى بىلىشكەندىن كېيىن، قاناتلىرىنى دىرىلدىتىپ، ۋىژىلداشقىنىچە چىشلىرىنى ھىڭگايتىشىپ بىر - بىرىگە ئېتىلىشقان، ئۇلار بىر تەرەپ يېڭىلگۈچە قاتتىق ئېلىشقان. بۇ چاغدا ئالىملار كوزىدىن مەغلۇپ بولغان ئەركەك قارا چېكەتكىنى ئېلىۋېتىپ، ئورنىغا چىشى قارا چېكەتكىنى سالغان، ئىككى قارا چېكەتكە ئۇچراشقاندىن كېيىن ئەھۋال پۈتۈنلەي باشقىچە بولغان. قەھرى - غەزىپى ئۇرغۇپ تۇرغان بايىقى ئەركەك قارا چېكەتكە بىردەمدىلا مۇلايىملىشىپ كەتكەن. بەزىدە چىشى چېكەتكە ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۇنىڭ بېشىغا تېگىپ كەتسىمۇ، ئەركەك قارا چېكەتكە ھۇجۇم قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ئۇنىڭغا يول بەرگەن ھەمدە پۇتى بىلەن يېنىك چېكىپ دوستلۇقىنى ئىپادىلىگەن. ئالىملار كۆپ قېتىم تەجرىبە قىلىپ كۆزىتىش ئارقىلىق مۇنداق قاراشقا كەلگەن: ئەركەك قارا چېكەتكىنىڭ سوقۇشقاق بولۇشى ھەرگىزمۇ بىر - بىرى بىلەن بەستلىشىش بولماستىن، ئاساسلىقى چىشى قارا چېكەتكىلەرنى ئۆزىگە مايىل قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىكەن.
← بارلىق تېمىلار نەمە