نېمە ئۈچۈن بەزى ھايۋانلار ئويناشقا ئامراق؟
نېمە ئۈچۈن
بالىلارنىڭ ھەممىسى ئويناشقا ئامراق. ھايۋانلارچۇ؟ بەزى ھايۋانلارمۇ ئويناشقا ئامراق، مەسىلەن، كۈچۈكلەر بىر - بىرىنى چىشلىشىپ ئوينايدۇ، مۈشۈكلەر يەل توپ ۋە يۇڭ يىپ تۈرمىلىرىنى ئوينايدۇ.
ئېنېرگىيىنى ئىمكانقەدەر بىئولوگىيىدىكى ئومۇمىي قانۇنىيەت ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز. ھايۋانلارنىڭ نېمە ئۈچۈن بىر مۇنچە كۈچ سەرپ قىلىپ ئېنىق نىشانى يوق ئويۇنلارنى ئوينايدىغانلىقىغا كەلسەك، زوئولوگلارنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭ سەۋەبى ئاساسلىقى ياشاشنىڭ ئېھتىياجى، تەبىئىي مىجەزنىڭ ئىپادىلىنىشى ۋە ئۆگىنىش - چېنىقىش ئۈچۈن ئىكەن.
شىمپەنزىلەر كىچىك ۋاقتىدا مۇنداق ئويۇننى ئويناشقا ئامراق بولىدىكەن: قولىغا ئازراق سۇنى ئالىدىكەن، ئاندىن دەرەخ يوپۇرماقلىرىنى چايناپ، قولىدىكى سۇنى شۈمىدىكەن. چوڭ بولغاندىن كېيىن، ئۇلار قورغاقچىلىق پەسلىدە مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن دەرەخ كامىرىدىكى سۇنى شۈمۈپ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرىدىكەن. لېكىن بەزى يېتىلگەن ھايۋانلارمۇ ئويۇن ئويناشقا ئامراق كېلىدۇ، بۇنىڭ ياشاش بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق. مەسىلەن، بېگېموت سۇنىڭ ئاستىدىن سۇ يۈزىدىكى دەرەخ يوپۇرماقلىرىنى پۈۋلەپ ئويناشقا ئامراق، بۇ پەقەت ھايۋانلارنىڭ تەبىئىي مىجەزىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
ئەگەر شىمپەنزىلەرنىڭ قولىغا تاياقنى تۇتقۇزۇپ قويسا، بىر - بىرىنى قوغلاپ ئوينايدۇ. بۇنىڭ بىلەن شىمپەنزىلەر بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشىدا تاياق ئىشلىتىشىنى ئاسانلا ئۆگىنىۋالىدۇ، شۇڭا ئالىملار ئويناش ئۆگىنىش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بىر خىل چېنىقىشتۇر، دەپ قارايدۇ.