UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلدە دورا ئىچسە نېمىشقابالىغا تەسىرى بولىدۇ؟

بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلدە دورا ئىچسە نېمىشقابالىغا تەسىرى بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن دورا بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن بىر قاتار مېتابولىزىم ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاندىن بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىدۇ، نۆۋەتتىكى تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، ئومۇمەن ئانىنىڭ تېنىگە كىرگەن دورىلار ئاساسەن سۈتكە كىرىپ، سۈتنىڭ ئاجرىتىلىشى بىلەن بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىدىكەن. بىراق، بۇ ۋاقىتتىكى سۈتنىڭ تەركىبىدىكى دورىلار ئانا سۈتى ئارقىلىق بالىغا تەسىر قىلامدۇ؟ تەسىر قىلىش دەرىجىسى قانچىلىك بولىدۇ؟ بالىنىڭ دورىغا بولغان سېزىمچانلىقى قانچىلىك؟ دورىلارنىڭ تۈرى، دورىنىڭ سۈتتىكى قويۇقلۇقى قاتارلىق ئامىللارنى ئويلىشىش كېرەك. بالا تەركىبىدە خىلمۇخىل دورىلار بار سۈتنى ئەمگەندىن كېيىن بۇ خىل دورىلار بالىنىڭ بەدىنىدە ساقلىنىدۇ. شۇنداقلا بۇ خىل دورىلارنىڭ بالىنىڭ سالامەتلىكىگە بولغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ، ئەگەر ئانىلار بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلدە چوقۇم دورا ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، ئۇنداقتا دورا ئىشلىتىۋاتقان مەزگىلدە چوقۇم بالا ئېمىتىشنى توختىتىشى ھەم ئەمچەكتىكى سۈتنى مۇددەتلىك ھالدا چىقىرىپ تاشلاپ، سۈتنىڭ ئاجرىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك. دورىنى توختىتىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن داۋاملىق ئېمىتسە بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە