UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئىپار كېيىك دۇنيا بويىچە ئەڭ پۇراقلىق ھايۋانمۇ؟

ئىپار كېيىك دۇنيا بويىچە ئەڭ پۇراقلىق ھايۋانمۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئامېرىكا قىتئەسىدىكى سېسىقكۈزەن دۇنيا بويىچە ئەڭ سېسىق ھايۋان. دۇنيادا ئەڭ پۇراقلىق ھايۋان بارمۇ؟ بار، ئۇ بولسىمۇ ئىپار كېيىك. ئىپار كېيىكنىڭ بەدەن شەكلى بۇغىنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بىراق، ئۇ بۇغىغا قارىغاندا كىچىكرەك كېلىدۇ. بۇغا تۈرىدىكى ھايۋانلار ئىچىدە ئۇنىڭ بەدىنى ئەڭ كىچىك ھەم ئىپتىدائىي ھېسابلىنىدۇ. ئىپار كېيىك شىمالدا سىبىرىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغىچە، جەنۇبتا نېپالغىچە تارقالغان. مەملىكىتىمىزدە ئىپار كېيىكنىڭ تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ. ھەر خىل ئىپار كىيىكنىڭ ئەركەك ۋە چىشلىرىنىڭ ئۆت خالتىسى بولىدۇ، باشقا بۇغا تۈرىدىكى ھايۋانلاردا بولسا ئۆت خالتىسى بولمايدۇ. ئەركەك ۋە چىشى ئىپار كېيىكلەرگە مۈڭگۈز چىقمايدۇ. ئەركەك بۇغىلارنىڭ يەتتە - توققۇز سانتىمېتىر ئۇزنلۇقتا ھىڭگاڭ چىشى بار بولۇپ، باشقىلاردىن پەرقىلىنىپ تۇرىدۇ. ئىپار كېيىكنىڭ زادى قەيىرى پۇراقلىق؟ ئەسلىدە، بۇ خىلدىكى ھايۋانلارنىڭ ئەركەكلىرىنىڭ كىندىكى ئاستىدا بىر خىل بەز خالتىسى بولۇپ، ئۇنىڭدىن كۈچلۈك پۇراقلىق بىر خىل سۇيۇقلۇق ئاجرىلىپ چىقىدۇ. بۇ خىل سۇيۇقلۇقنى كىشىلەر ئىپار كېيىك سۇيۇقلۇقى دەپ ئاتايدۇ. بۇ خىل پۇراق ناھايىتى خۇشبۇي بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ئۇزۇنغىچە ساقىلىنىدۇ، نەچچە مىڭ مېتىر يىراق جايدا تۇرۇپمۇ پۇرىغىلى بولىدۇ. ئىپار بىر خىل يۇقىرى دەرىجىلىك خۇشبۇي ماددا ھەم بىر خىل قىممەتلىك دورا ماتېرىيالى بولۇپ، باكتېرىيىگە قارشى تۇرۇپ ياللۇغنى قايتۇرۇش، يۈرەك ۋە نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش، زەھەر قايتۇرۇش رولى بار.
← بارلىق تېمىلار نەمە
ئىپار كېيىك دۇنيا بويىچە ئەڭ پۇراقلىق ھايۋانمۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki