UyghurWiki›نەمە›بالىلارنىڭ يېمەك - ئىچمىكىدە نېمىشقا قارا ۋە ئاق ئاشلىقنى ماسلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك؟
بالىلارنىڭ يېمەك - ئىچمىكىدە نېمىشقا قارا ۋە ئاق ئاشلىقنى ماسلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
كىشىلەر دائىم ئىستېمال قىلىدىغان يېمەكلىكلەر قارا ۋە ئاق ئاشلىق دەپ ئىككى خىل تۈرگە بۆلۈنىدۇ، قارا ئاشلىق كۆممىقوناق، تېرىق، قوناق، پۇرچاق تۈرلىرى قاتارلىقلار بولۇپ، ئاق ئاشلىقلار پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۈرۈچ ۋە ئۇننى كۆرسىتىدۇ. بىر ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلار تېز سۈرئەتتە يېتىلىۋاتقان باسقۇچتا تۇرغاچقا، يېمەكلىكلەرنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، مۇۋاپىق بېرىش ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىدىكى ناھايىتى مۇھىم ھالقا. بەزى ئاتا - ئانىلار خاتا ھالدا قانچىكى يۇمشاق، قانچىكى ئالىي دەرىجىلىك بولسا، ئوزۇقلۇق قىممىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ دەپ قاراپ، بالىلارغا بۇ خىل يېمەكلىكنى كۆپ بېرىدۇ - دە، بالىلارنىڭ <تاماقتىن بىزار بولۇشى> نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بالىلارغا ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى، ئاقسىل مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى توختىماستىن كۆپلەپ بېرىدۇ - دە، بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇقى زىيادە كۆپ بولۇپ كېتىپ، <بالىلار سېمىزلىك كېسىلى>نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يېمەكلىكلەر پىششىقلاپ ئىشلەنگەندىن كېيىن خىلمۇخىل ئوزۇقلۇق تەركىبلەر يوقايدۇ - دە، بۇنىڭدىن ئوڭايلا مەلۇم بىرخىل ئوزۇقلۇق قېپقالىدىغان، باشقا خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار يوقاپ كېتىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ، بۇ بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنىڭ كۆپ خىللىشىغا نىسبەتەن مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. شۇڭا، بالىلارنىڭ يېمەك - ئىچمىكىدە چوقۇم ئاق ۋە قارا ئاشلىقنى ماسلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك.