UyghurWiki
UyghurWikiنەمەھاشارات دىگەن نىمە؟

ھاشارات دىگەن نىمە؟

نېمە ئۈچۈن ھايۋانات دۇنياسىدا ھاشاراتلارنىڭ تۈرى 1 مىليوندىن ئاشىدۇ. ھاشاراتلار ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە: بەدىنىنىڭ سىرتىنى قاتتىق سىرتقى سۆڭەك قاپلاپ تۇرىدۇ، گەۋدىسى باش، كۆكرەك، قورساقتىن ئىبارەت ئۈچ قىسمىغا بۆلۈنىدۇ. ھەممە ھاشاراتنىڭ ئالتە پۇتى، ئىككى جۈپ قانىتى بولىدۇ، بولار كۆكرەك قىسمىغا جايلاشقان. بەزى ھاشاراتلارنىڭ بىر جۈپلا قانىتى بولىدۇ. ھەتتا بەزىلىرىنىڭ قانىتى بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ قاناتلار ئۇلارنىڭ مۇھىتقا ماسلىشىشى ئۈچۈن بارا - بارا كىچىكلەپ كەتكەن. ئەگەر كۆزەتسىڭىز، ئىككى جۈپ قانىتىنىڭ ئىزىنى كۆرىسىز. ھاشاراتلارنىڭ بېشىدا ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدىغان بىر جۈپ مۈڭگۈزى بولىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ سەزگۈ ئەزاسى ھېسابلىنىدۇ. بېشىنىڭ ئىككى تەرىپىدە يەنە نۇرغۇن ئۇششاق كۆزلەردىن تەركىب تاپقان بىر جۈپ مۇرەككەپ كۆزى بولىدۇ. ھاشاراتلارنىڭ يېتىلىش جەريانىمۇ ناھايىتى ئۆزگىچە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھاياتىدا بەدىنىنىڭ تۈزۈلۈشىدە ئىچىدىن - تېشىغىچە نۇرغۇن قېتىم غەلىتە ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ، زوئولوگلار بۇنى ھالەت ئۆزگىرىشى دەپ ئاتىشىدۇ. كۆپ ساندىكى ھاشاراتلار تۇخۇم، لىچىنكا، قورچاق ۋە يېتىلگەن ھاشاراتتىن ئىبارەت تۆت باسقۇچنى باشتىن كەچۈرىدۇ، بۇ تولۇق ھالەت ئۆزگەرتىش ھېسابلىنىدۇ. بەزى ھاشاراتلارنىڭ قورچاق باسقۇچى بولمايدۇ، ھەتتا لىچىنكا بىلەن يېتىلگەن ھاشاراتنىڭ بەدەن ھالىتىمۇ ئانچە كۆپ پەرق قىلمايدۇ، بۇ خىل ھالەت تولۇق بولمىغان ھالەت ئۆزگەرتىش دەپ ئاتىلىدۇ. بىر مۇنچە ئادەملەر ئۆمۈچۈك، سەكسەنپتۇت ۋە چايانلارنىمۇ ھاشارات دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ھاشاراتلاردىن بىر مۇنچە جەھەتلەردىن پەرقلىنىدۇ. مەسىلەن، ئۆمۈچۈكنىڭ سەككىز پۇتى بار، مۈڭگۈزىمۇ، كۆزىمۇ يوق، يەنە كېلىپ بېشى بىلەن كۆكرىكى بىرلىشىپ كەتكەن بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە