UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن مۇز سۇدا لەيلەيدۇ؟

نېمە ئۈچۈن مۇز سۇدا لەيلەيدۇ؟

نېمە ئۈچۈن 1912 - يىلى، ئەنگىلىيىنىڭ چوڭ تىپتىكى ھەشەمەتلىك بولۇچى. پاراخوتى <تىتانىك> ئەنگلىيىنىڭ جەنۇبىي ھامپىتون شەھىرىدىن ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىگە كېتىۋېتىپ بەختكە قارشى مۇز تاغقا سوقۇلۇپ كەتتى، پاراخوتتىكى 1490 ئادەمنىڭ ھەممىسى قازا قىلدى. بۇ ۋەقەنىڭ باش جىنايەتچىسى - دېڭىزدىكى مۇزتاغ. نېمە ئۈچۈن مۇز سۇدا لەيلەيدۇ؟ بىزگە مەلۇم، كۆپ ساندىكى ماددا ئىسسىقتىن كېڭىيىپ، سوغۇقتىن تارىيىدۇ. لېكىن سۇنىڭ گرادۇسى تۆت سېلسىيە گرادۇستىن يۇقىرى بولغاندا ئىسسىقتىن كېڭىيىپ، سوغۇقتىن تارىيىدۇ؛ تۆت سېلسىيە گرادۇستىن تۆۋەن بولغاندا ئىسسىقتىن تارىيىپ، سوغۇقتىن كېڭىيىدۇ. يەنى سۇنىڭ زىچلىقى تۆت سېلسىيە گرادۇستا ئەڭ چوڭ بولىدۇ. قىشتا تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىگەندە سىرتتىكى سوغۇق ھاۋا بىلەن بىۋاستە ئۇچراشقان سۇ يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئاستا - ئاستا تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ. سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆت سېلسىيە گرادۇستىن يۇقىرى بولغاندا ئىسسىقتىن كېڭيىش، سوغۇقتىن تارىيىش مۇناسىۋىتى تۈپەيلىدىن ئۈستى تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنرەك سۇنىڭ زىچلىقى چوڭىيىپ ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەيدۇ، ئاستى تېمپېراتۇرىسى يۇقىرىراق سۇنىڭ زىچلىقى كىچىكلەپ ئۈزلۈكسىز ئۆرلەپ قارشى ئېقىم شەكىللەندۈرىدۇ - دە، ئاستى - ئۈستى سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى تەڭشىلىدۇ. ئەگەر سىرتنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى داۋاملىق تۆۋەنلەپ تۆت سېلسىيە گرادۇسقا چۈشسە، سۇ ئىسسىقتىن تارىيىپ، سوغۇقتىن كېڭىيىدۇ. سۇ ئۈستى تېمپېراتۇرىسى تېخىمۇ تۆۋەن، زىچلىقى تېخىمۇ كىچىك بولغاچقا، سۇ ئۈستى بىلەن سۇ ئاستى قارشى ئېقىن شەكىللەندۈرەلمەيدۇ. ئەگەر ھاۋا تېمپېراتۇرىسى داۋاملىق تۆۋنلەپ نۆل سېلسىيە گرادۇسقا چۈشسە سۇ ئۈستى مۇز تۇتۇشقا باشلايدۇ. سۇ توڭلىغاندا ھەجىمى كېڭىيىدۇ، كېڭىيىش مۇزنىڭ زىچلىقىنى سۇنىڭكىدىن كىچىكلىتىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مۇز سۇدا لەيلەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە