UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن زىراپە تاغىل ئات بىلەن بىللە يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن زىراپە تاغىل ئات بىلەن بىللە يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئافرىقا يايلاقلىرىدا دەرەخ شاخلىرىدىكى يۇمران يوپۇرماقلارنى يەپ ئايلىنىپ بويى بەستلىك، بوينى ئۇزۇن زىراپىنى دائىم ئۇچراتقىلى بولىدۇ. تاغىل ئاتمۇ ئافرىقىدىكى ئوتخور ھايۋان، ئۇنىڭ تۇرقى ئاتقا ئوخشىشىدۇ، لېكىن بەدىنىدە خۇددى بىر كىم سىزىپ قويغاندەك ئاق - قارا بالداقلار بار. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، تاغىل ئاتلار زىراپىنىڭ كەينىدىن توپ - توپى بىلەن بىللە ئوتلاپ يۈرىدۇ. ئۇلار نېمە ئۈچۈن بىللە يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ؟ دەسلەپتە كىشىلەر بۇنىڭغا ئانچە دىققەت قىلمىغانىكەن، كېيىن زوئولوگلار ئۇزاق مۇددەت كۆزىتىش ئارقىلىق بۇنىڭ سىرىنى بىلگەن. دۇنيادا زىراپىدىنمۇ ئېگىز ھايۋان بولمىسا كېرەك. زىراپىنىڭ بوينى ئۇزۇن بولۇپلا قالماستىن، پۇتىمۇ ئۇزۇن، يايلاقتا تۇرسا بەئەينى ئېگىز كۆزىتىش مۇنارىغىلا ئوخشىشىدۇ، كونىلاردا <ئېگىزدە تۇرساڭ يىراقنى كۆرىسەن> دېگەن گەپ بار، زىراپىدە مۇشۇنداق ئالاھىدە ئېگىز بەدەن بولغاچقا، دۈشمەن ئەھۋالىنى ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن كۆزىتەلەيدۇ، شىر، قاپلانغا ئوخشاش يىرتقۇچ ھايۋانلارنى يىراقتىنلا بايقىۋالالايدۇ. تاغىل ئاتنىڭ زىراپە بىلە بىللە يۈرۈشى زىراپىدىن ئىبارەت بۇ <كۆزىتىش مۇنارى> دىن پايدىلىنىپ، دۈشمەننىڭ ھۇجۇمغا كېلىۋاتقانلىق ئۇچۇرىدىن تېزرەك خەۋەر تېپىپ، خەتەردىن بالدۇرراق قۇتۇلدۇرۇۋېلىش ئۈچۈندۇر.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن زىراپە تاغىل ئات بىلەن بىللە يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki