UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن بامبۇك چېچەكلىگەندىن كېيىن ئۆلىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بامبۇك چېچەكلىگەندىن كېيىن ئۆلىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن ئۆسۈملۈكلەر مەلۇم مەزگىل ئۆسكەندىن كېيىن چېچەكلەپ، مېۋىلەپ ئۇرۇق ھاسىل قىلىدۇ. بۇ بىر ياشاش دەۋرىيلىكىنى تاماملاش دەپ ئاتىلىدۇ. لېكىن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ياشاش دەۋرىيلىكى ئوخشاشمايدۇ، بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ياشاش دەۋرىيلىكىگە بىر يىل كېتىدۇ ياكى بىر يىل بولمايلا تاماملىنىدۇ. بۇ بىر يىللىق ئۆسۈملۈكلەر دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، شال؛ بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىر ياشاش دەۋرىيلىكىنى تاماملىشى ئۈچۈن ئىككى يىل ياكى ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كېتىدۇ، بۇ ئىككى يىللىق ئۆسۈملۈكلەر دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، لوبۇ؛ بەزى ئۆسۈملۈكلەر بولسا بىر قانچە يىل ئۆسكەندىن كېيىن ئاندىن بىر ياشاش دەۋرىيلىكىنى تاماملايدۇ، بۇ كۆپ يىللىق ئۆسۈملۈكلەر دەپ ئاتىلىدۇ، مەسىلەن، ئادەمگىياھ. بامبۇكلارنىڭ تولىسى بىر قېتىم چېچەكلەيدىغان كۆپ يىللىق ئۆسۈملۈككە كىرىدۇ؛ دېمەك، بامبۇك كۆپ يىللىق ئۆسۈشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئۇمۇ خۇددى ئادەتتىكى ئۆسۈملۈكلەرگە ئوخشاشلا چېچەكلەيدۇ، لېكىن ئۇ پۈتۈن ھاياتىدا بىر قېتىملا چېچەكلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چېچەكلەپلا قالسا ئۆلىدۇ. بىراق، بامبۇكنىڭ ئېچىلىشى بىلەن ئۇنىڭ يېشىنىڭ ئانچە چوڭ مۇناسىۋىتى يوق. بەزى بامبۇكلار بىر قانچە ئون يىل ئۆسسىمۇ يەنىلا بۈك - باراقسان ھەم ياپيېشىل تۇرىدۇ، لېكىن بەزى بامبۇكلار بىر قانچە يىل ئۆسۈپلا، يوپۇرماقلىرى قۇرۇشقا باشلاپ ئاخىرىدا ئىلاجىسىز ئۆلۈپ كېتىدۇ. بامبۇكنىڭ چېچەكلىشىنىڭ سەۋەبىنى تېپىش ئۈچۈن، بەزىلەر مۇنداق بىر تەجرىبە ئىشلىگەن: بامبۇكزارلىق ئىچىگە سۇلياۋ يوپۇق يېپىپ، يامغۇر سۈيىنىڭ تۇپراققا سىڭىشىنى توسۇش ياكى بامبۇكزارلىقنىڭ توپىسىنى كولاپ كۈن نۇرىغا قاقلاش ئارقىلىق بامبۇكلار قۇرغاق ھالەتتە تۇرغۇزۇلغان، بۇنداق قىلغاندا بامبۇك چېچەكلىگەن. بۇنىڭدىن بامبۇكنىڭ ئېچىلىشىنى ياشاش مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. بامبۇك چېچەكلىگەندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا كۆپلەپ چېچەكلەشكە باشلايدۇ ھەمدە بامبۇكزارلىق تۇتاش قۇرۇپ كېتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، بامبۇكزارلىق ياكى بامبۇك توپى قارىماققا ئۆز ئارا قىلچە مۇناسىۋەتسىزدەك كۆرۈنسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ يەر ئاستى غولى - بامبۇك قامچىسى بىر - بىرىگە تۇتاش بولىدۇ. يەر ئاستىدا بامبۇك بىلەن بامبۇك ئوتتۇرىسىدىكى كەتكەن بولۇپ، ئۇلار ئېھتىياجلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلەرمۇ ئۆز ئارا ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ، شۇڭا بامبۇكلارنىڭ ھايات - ماماتلىقى تەبىئىي ھالدا بىر - بىرىگە باغلانغان بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن بامبۇك چېچەكلىگەندىن كېيىن ئۆلىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki