زىيادە يەڭگىل تۇغۇلغان بوۋاق دېگەن نېمە؟
نېمە ئۈچۈن
يەڭگىل تۇغۇلغان بوۋاق تۇغۇلۇپ بىر سائەت ئىچىدىكى ئېغىرلىقى 5.2 كىلوگرامغا يەتمىگەن بوۋاقلارنى كۆرسىتىدۇ. ئېغىرلىقى 5.0 كىلوگرامغا يەتمەي تۇغۇلغان بوۋاقلار بولسا زىيادە يەڭگىل تۇغۇلغان بوۋاق دېيىلىدۇ. زىيادە يەڭگىل تۇغۇلغان بوۋاقلار تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە:
1. قانچە يەڭگىل تۇغۇلسا، شوراش ئىقتىدارى شۇنچە ناچار، ھەم يۇتۇش ھەرىكىتى ماسلاشمىغان بولۇپ، ئاسانلا قېقىلىپ يۆتىلىش ۋە باشقا خەتەرلىك ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ.
2. مۇسكۇللىرى يۇمشاق، جانسىز، ئۆپكىنىڭ تولۇق يېتىلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن ئاسانلا نەپەستە قىينىلىدۇ ھەم مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى تولۇق يېتىلمىگەنلىكتىن نەپىسى ۋاقىتلىق توختاپ قېلىش ئەھۋاللىرىمۇ كۆرۈلىدۇ.
3. بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش ئىقتىدارى ناچار، تېمپېراتۇرىسىغا بولغان تەلىپى يۇقىرى، بەك سوغۇق بولسا ئاسانلا ئۆپكە ياللۇغى ياكى قاتتىق پەردە سىرتىدىكى يىرىڭلىق ئىششىق كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ، بەك ئىسسىق بولسا ئاسانلا قىزىپ قالىدۇ.
4. بەدەن سىرتقى ھەجىمى چوڭ ھەم يوشۇرۇن سۇ يوقىتىشى كۆپرەك بولۇپ، ئاسانلا سۇسىزلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
5. ئاسانلا قاندىكى قەنت مىقدارى تۆۋەن بولۇش، كىسلاتادىن زەھەرلىنىش، يۇقۇملىنىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. شۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى، زىيادە يەڭگىل تۇغۇلغان بوۋاقلارنى كۈتۈشتە تېخىمۇ ئەستايىدىل، تېخىمۇ ئىنچىكە بولۇش كېرەك.