قۇرۇق لۆڭگە بىلەن ئۇۋۇلاش دېگەن نېمە؟
نېمە ئۈچۈن
بەش ئايلىقتىن كېيىنكى بوۋاقلارغا قۇرۇق لۆڭگە بىلەن ئۇۋۇلاش ئېلىپ بارسا بولىدۇ. قۇرۇق لۆڭگە بىلەن ئۇۋۇلاش دېگىنىمىز، بوۋاقنى كۈن نۇرى مۇنچىسى، ھاۋا مۇنچىسىغا چۈشۈرگەندىن كېيىن ياكى يۇغاندىن كېيىن پاكىز، يۇمشاق، سىپتا قۇرۇق لۆڭگە بىلەن تېرىسىنى ئۇۋۇلاش ئارقىلىق بوۋاقنىڭ تېرىسىنى چېنىقتۇرۇپ، قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈنۈمىگە ئېرىشىشنى كۆرسىتىدۇ. قۇرۇق لۆڭگە بىلەن ئۇۋۇلاش بوۋاقنىڭ تېرىسىدىكى قىلدام قان تومۇرلارنى كېڭەيتىپ قان ئايلىنىشنى تېزلىتىدۇ. مېتابولىزمنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەندىكى كېرەكسىز ماددىلارنىڭ چىقىرىۋېتىلىشىنى تېزلىتىدۇ، بوۋاقنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە قۇرۇق لۆڭگە بىلەن ئۇۋۇلىغاندا بوۋاقنىڭ يالىڭاچ بەدىنى ھاۋا بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىدۇ. بۇنىڭ بوۋاقنىڭ مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە بولغان ماسلىشىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگىلى، ئۇلارنىڭ زۇكامغا بولغان قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ