مېڭىش، يۈگۈرۈش، يالاڭ ئاياغ مېڭىش، يامىشىش، سەكرەشنىڭ قانداق ئۆلچىمى بار؟
نېمە ئۈچۈن
ئادەتتە ئائىلە باشلىقلىرىدا بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىگە مەبلەغ سېلىشقا دىققەت قىلىپ، بالىنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئويلايدىغانلىرى بەك ئاز ۋە سەل قارايدۇ. بوۋاق ئەمدىلا تۇغۇلغاندا بالىنىڭ ئاز - تولا ئۆسۈشىگىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇلار دائىم كىتاب كۆرۈپ، قانداق ۋاقىتتا بالىنىڭ بېشىنى كۆتۈرىدىغانلىقىنى، ئۆرۈلىدىغانلىقىنى، ئولتۇرالايدىغانلىقىنى، ئۆمىلىيەلەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ھەيران قالارلىقى شۇكى، بالا ماڭالايدىغان بولغاندىن كېيىن ئاتا - ئانا بالىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ يېتىلىشىگە بۇرۇنقىدەك كۆڭۈل بۆلمەيدۇ ھەم بارلىق كۈچىنى بالىنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا سەرپ قىلىدۇ. ئۇلار ھەرىكەت ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئىككى ئىش دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەقلىي قابىلىيەت ھەرىكەت ئىقتىدارى ئارقىلىق تەرەققىي قىلىدۇ. بالا يول مېڭىشنى ئۆگەنگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى تەڭپۇڭلاشتۇرالايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بالىلارغا يۈگۈرۈش، سەكرەش، يامىشىش، ئۆمىلەش، توپ تاشلاش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرسە بولىدۇ. 30 ئايلىق بولغان بالىلار بۇ ھەرىكەتلەرنى تاماملىيالايدۇ. بالىغا يۈگۈرۈش، سەكرەشنى مەشىق قىلدۇرۇشتا:
1. يۈگۈرۈش: كۆرسىتىپ بەرگەن ئىشخانىغا قاراپ يۈگۈرۈش، چەمبىرەكنى بويلاپ يۈگۈرۈش، ئۇدا ئون سېكۇنتتىن 15 سېكۇنتقىچە يۈگۈرۈش، تېزراق يۈگۈرەيدىغانلىرى تۆت مېتىردىن سەككىز مېتىرغىچە يۈگۈرىيەلەيدۇ.
2. سەكرەش: ئىككى پۇتىنى جۈپلەپ تۇرۇپ يىراققا سەكرەش. ئىككى پۇتىنى ئالدىغا قىلىپ، خالىغانچە سەكرەش.
3. شۇڭغۇش: بەدىنىنى ئالدىغا قىلىپ ئېگىپ، قول بىلەن ئالدىدىكى توسالغۇدىن شۇڭغۇپ ئۆتۈش (مەسىلەن: 30 سانتىمېتىر ئېگىزلىكتىكى ئارغامچا ئاستىدىن ئۆتۈش).