UyghurWiki
UyghurWikiنەمەكىسلاتالىق يېمەكلىك ۋە ئىشقارلىق يېمەكلىك دېگەن نېمە؟

كىسلاتالىق يېمەكلىك ۋە ئىشقارلىق يېمەكلىك دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن كىسلاتالىق يېمەكلىك دېگىنىمىز — بەدەندە شەكىللەنگەن كىسلاتالىق شەكىلدىكى ئانئورگانىك تۇز (فوسفور، گۈڭگۈرت ۋە خلور دېگەندەكلەر) ياكى باشقا ئوزۇقلۇق ماددىلارنى كۆرسىتىدۇ، بىز دائىم ئىستېمال قىلىدىغان ساپ گۈرۈچ، ئاق شېكەر، خىلمۇخىل گۆش، بېلىق گۆشى، تۇخۇم سېرىقى ۋە پىۋا قاتارلىقلار كىسلاتالىق يېمەكلىكلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، بەدەن سۇيۇقلۇقىنى ئىشقارلىق ھالەتكە ئۆزگەرتىدىغان يېمەكلىكلەر ئىشقارلىق يېمەكلىكلەر دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: بىز دائىم ئىستېمال قىلىدىغان كۆكتات، مېۋە - چېۋە ۋە كالا سۈتى قاتارلىقلار. كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكى ساغلام بولغان ئەھۋال ئاستىدا، بەدەن سۇيۇقلۇقىدىكى ئىشقار ئاجىز بولىدۇ. مەسىلەن: نورمال ئادەملەرنىڭ قان سۇيۇقلۇقىدىكى PH قىممىتى بولسا 35.7 - 54.7 گىچە بولىدۇ. ئادەم بەدىنى مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا مۇقىم، نورمال بولىدۇ. ئاجىز ئىشقارلىق يېمەكلىكلەر ئىچىدىكى مۇھىت ناھايىتى مۇھىم، چۈنكى پەقەت مۇشۇ ئاساستىلا ئادەم بەدىنى ئاندىن فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدار ۋە نورمال كۈندىلىك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارالايدۇ. بالىلارنىڭ بەدىنىنىڭ كىسلاتالىق ۋە ئىشقارلىقىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىقتىدارى نىسبەتەن ئاجىز بولغاچقا، يېمەك - ئىچمەكنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشقا، ئىشتىھا تۇتۇلۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىشى، مېۋە - چېۋە ۋە كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
كىسلاتالىق يېمەكلىك ۋە ئىشقارلىق يېمەكلىك دېگەن نېمە؟ | UyghurWiki | UyghurWiki