UyghurWiki
UyghurWikiنەمەمىكرو ئېلېمېنتلار دېگەن نېمە؟نېمە ئۈچۈن يود <ئىنسانلارنىڭ ئەقلى مەنبەسى> دېيىلىدۇ؟

مىكرو ئېلېمېنتلار دېگەن نېمە؟نېمە ئۈچۈن يود <ئىنسانلارنىڭ ئەقلى مەنبەسى> دېيىلىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن يود ئادەم بەدىنىدىكى زۆرۈر بولغان مىكرو ئېلېمېنت، قالقانسىمانبەز ھورمونىنىڭ مۇھىم ماتېرىيالى، بەدەندىكى ھەر قايسى سىستېما بولۇپمۇ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىدە كەم بولسا زادىلا بولمايدىغان مىكرو ئېلېمېنت، ئىنسانلارنىڭ <ئەقلىي مەنبەسى>. ھامىلە مەزگىلى ۋە بوۋاقلىق مەزگىلى ئادەم مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى ئەڭ تېز مەزگىل، مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ بۆلۈنۈشى، كۆپىيىشى ئەڭ گۈللەنگەن باسقۇچ بولۇپ، يودنىڭ كەمچىللىكى مۇقەررەر ھالدا قالقانسىمانبەزنىڭ بىرىكىشىنى كېمەيتىش، ھامىلە ۋە بوۋاقنىڭ چوڭ مېڭە پوستلاق ماددىسى تولۇق رەۋىشتە بۆلۈنەلمەسلىك ۋە يېتىلەلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بوۋاق چوڭ مېڭىسى ۋە ئەقىلنىڭ يېتىلىشىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر قىلىدۇ، شۇنداقلا بۇ ۋاقىتتىكى يودنىڭ كەمچىللىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەتنى ئوڭشىماق بەكمۇ تەس. يود كەمچىل بولغان مۇھىتتا تۇغۇلغان بوۋاق بەلكىم تۇغما ئەقلىي يېتىلىشى ياكى بەدىنىنىڭ يېتىلىشى ئاستا بولۇشى ياكى يېتىلىش جەريانىدا ئۆگىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى مۇمكىن. جۇڭگو ئوزۇقلۇق ئىلمىي جەمئىيىتى 2000 - يىلى تەۋسىيە قىلىپ، كۈندىلىك تاماقتىكى يودنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى بوۋاقلارنىڭ 50 مىكروگرام، ئۆسمۈرلەرنىڭ 90 ~ 120 مىكروگرام، چوڭلارنىڭ 150 مىكروگرام بولۇشىنى تونۇشتۇردى. دۇنيادا كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ مۇھىتىدا يود كەمچىل. جۇڭگو بولسا دۇنيادىكى يود كەملىك كېسىلى تارقىلىشى ئېغىرراق بولغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. شۇ سەۋەبتىن بوۋاقلىق مەزگىلىدە بوۋاقنىڭ يېتەرلىك مىقداردا يود قوبۇل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
مىكرو ئېلېمېنتلار دېگەن نېمە؟نېمە ئۈچۈن يود <ئىنسانلارنىڭ ئەقلى مەنبەسى> دېيىلىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki