ئېلېكترونلۇق كىتاب - ژۇرنال دېگەن نېمە؟
نېمە ئۈچۈن
ئادەتتىكى كىتاب - ژۇرناللارنىڭ ئورىگىناللىرى ئاۋۋال تەھرىرلىنىپ، ئاندىن قەغەزگە بېسىپ تۈپلىنىدۇ. ئاخىرىدا، كىتابخانا ۋە گېزىت - ژۇرنال بوتكىلىرىغا يەتكۈزۈلۈپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ قولىغا تېگىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاۋازسىز ئوقۇشلۇقلاردۇر.
ⅩⅩ - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدىن باشلاپ، كىشىلەر كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ ھەرپ تىزىدىغان بولدى. كىتاب - ژۇرناللارنى كومپيۇتېردا تىزىپ نەشر قىلغاندىن كېيىن، كومپيۇتېردىكى سانلىق مەلۇماتلارنى قوشۇمچە مەھسۇلات سۈپىتىدە ماگنىت دىسكا، يۇمشاق دىسكىلاردا ساقلايدىغان بولدى، بۇ كىتاب - ژۇرناللارنىڭ <ئېلېكترونلۇق نەشرى> دەپ ئاتالدى.
ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدىن كېيىن، كومپيۇتېر تېخنىكىسى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى. كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق يېزىق بىلەن ئاۋاز، رەسىم، كارتون قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈش مۇمكىنچىلىكى بار بولدى. بۇنىڭ بىلەن، كومپيۇتېردىكى بىر پارچە ئاددىي سۈرەتنى يازمىچە چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، سۆزلىتىش ۋە ھەرىكەت قىلدۇرۇشقا ئىمكانىيەت تۇغۇلدى. بۇنداق يېڭى تىپتىكى ئاۋازلىق ئېلېكترونلۇق كىتاب ۋە گېزىت - ژۇرناللار <ئېلېكترونلۇق كىتاب - ژۇرنال> دەپ ئاتالدى. ئېلېكترونلۇق كىتاب - ژۇرناللارنى ماگنىتلىق دىسكا ۋە ئوپتىكىلىق دىسكىدا ساقلىغىلى بولىدۇ ياكى تور پونكىتلىرىدا ساقلاپ، كىشىلەرنى توردىمۇ كىتاب كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.
ئېلېكترونلۇق كىتاب - ژۇرنالنىڭ يېزىقى، رەسىمى، ئاۋازى بولۇپلا قالماي، ئۇچۇر سىغىمچانلىقىمۇ ئىنتايىن چوڭ، كىچىك بىر ئوپتىكىلىق دىسكىدا 10 مىليون خەتلىك قامۇسنى ساقلىغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدا ماتېرىيال ئىزدەشمۇ ئىنتايىن قۇلايلىق. توردىكى ئېلېكترونلۇق كىتاب - ژۇرناللار يەنە ھەر دائىم يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. ئېلېكترونلۇق كىتاب - ژۇرناللار شۇنچە كۆپ ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغاچقا، كىتابخانىلارنىڭ ئىنتايىن ياقتۇرۇشىغا ئىرىشمەكتە.