UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئالەم بوشلۇقىغا چىققان تۇنجى ساياھەتچى كىم؟

ئالەم بوشلۇقىغا چىققان تۇنجى ساياھەتچى كىم؟

نېمە ئۈچۈن يەر شارى ئىنسانلارنىڭ بۆشۈكى، بىراق ئىنسانلار مەڭگۈ بۆشۈكىدە ياشاۋەرمەيدۇ. 1961 - يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقلىق گاگارىن دېگەن كىشى <شەرق - 1> ناملىق ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ يەر شارىنى چۆرىدەپ 108 مىنۇت ئۇچۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا چىقىش خىيالىنى ئىشقا ئاشۇردى. سىرلىق ئالەم بوشلۇقى يەر شارىدا ياشاۋاتقان كىشىلەرگە نىسبەتەن جەلپ قىلىش كۈچىگە تولغان. ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئارقا - ئارقىدىن ئالەم بوشلۇقىغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، بارغانسېرى كۆپلىگەن ئادەتتىكى كىشىلەرمۇ ئالەم بوشلۇقىغا چىقىپ بىرەر قېتىم ساياھەت قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان بولدى. تىتو ئىسىملىك بىر ئامېرىكىلىق باي ئادەم 20 مىليون ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ ئالەم بوشلۇقىغا چىقىپ ساياھەت قىلىشنىڭ تۇنجى <كېمە بېلىتى> نى سېتىۋالدى. 2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تىتو ئىككى نەپەر روسىيىلىك ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا <ئىتتىپاق> ناملىق ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ، قازاقىستاندىكى بايقوڭۇر ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن ئالەم بوشلۇقىغا قاراپ ئۇچتى. 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى <ئىتتىپاق> ناملىق ئالەم كېمىسى خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىغا ئۇلاندى. خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىدىكى ئالتە كۈنلۈك ساياھەت پائالىيىتى داۋامىدا، تىتو بوشلۇق پونكىتىنىڭ بۆلمىسىدىكى دېرىزىدىن تۈرلۈك كۆرۈنۈشلەرگە تولغان ئالەم بوشلۇقىنى سىنغا ئالدى، سۈرەتكە تارتتى ھەمدە روسىيىنىڭ يەر يۈزى ئۇچۇشنى تىزگىنلەش مەركىزى ئارقىلىق مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىدىكى بەزى <ئۆي ئىشى> نى ئۈستىگە ئېلىپ، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئۈچۈن خىزمەت ۋاقتىنى تېجەپ بەردى. 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنى <ئىتتىپاق> ناملىق ئالەم كېمىسىنىڭ يەر يۈزىگە قايتۇرۇپ كېلىنىدىغان بۆلمىسى قازاقىستان پايتەختى ئالمۇتانىڭ غەربىگە تەخمىنەن 300 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا قوندى. ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى ئالەم بوشلۇقى ساياھەتچى يەر شارىغا بىخەتەر قايتىپ كەلدى.
← بارلىق تېمىلار نەمە
ئالەم بوشلۇقىغا چىققان تۇنجى ساياھەتچى كىم؟ | UyghurWiki | UyghurWiki