UyghurWiki
UyghurWikiنەمەراخىت كېسىلى دېگەن نېمە؟

راخىت كېسىلى دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن راخىت كېسىلى ۋىتامىن D كەملىك خاراكتېرلىك راخىت كېسىلىنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، ۋىتامىن D يېتىشمەسلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر خىل ئاستا خاراكتېرلىك ئوزۇقلۇق ماددا يېتىشمەسلىك كېسىلى. ئۈچ ئايلىقتىن ئىككى ياشقىچە بولغان كىچىك بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. دەسلەپكى مەزگىلىدە تۇغۇلۇپ ئۈچ ئاي ئەتراپىدا كېسەللىنىدۇ. ئاساسلىق ئىپادىسى غەيرىي خاس نېرۋا روھىي ئالامىتى مەسىلەن: تىت - تىت بولۇش، ياخشى ئۇخلىيالماسلىق، ئاسان چۆچۈش، كېچىدە ئاسانلا يىغلاش، مۇھىت بىلەن مۇناسىۋەتسىزلا كۆپ تەرلەش، بولۇپمۇ بوۋاقنىڭ باش قىسمى كۆپ تەرلەپ، بېشىنى ياستۇققا تولا سۈركەپ، بېشىنىڭ كەينى تەرىپىدىكى بىر قىسىم چاچ ئازلاپ كېتىدۇ. بۇ تېبابەتتە گەجگىدە چاچ قالماسلىق دېيىلىدۇ. ھەرىكەت قىلغان مەزگىلىدىكى ئاساسلىق ئىپادىسى: سۆڭەك ئۆزگىرىش ۋە ھەرىكىتىنىڭ يېتىلىشى ئارقىدا قېلىش بولۇپ، سۆڭەك ئۆزگىرىش ئاساسلىقى باش سۆڭىكى يۇمشىشىش، چېكە سۆڭىكى (تەيياڭ پەللىسىنىڭ كەينى ئۈستى تەرەپ) ياكى گەجگە سۆڭەك (ئارقا مېڭە دۆڭچىسى) نىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى قول بىلەن يېنىك باسقاندا باش سۆڭىكى ئولتۇرۇشۇپ كېتىۋاتقاندەك سەزگۈ بولىدۇ ھەمدە قويۇپ بېرىش بىلەن تەڭ ئەسلىگە قايتىدۇ. چاسا باش. سۆڭەكسىمان توقۇلما ئۆسۈپ، ماڭلاي سۆڭەك ۋە چوققا سۆڭەكنىڭ ئىككى تەرىپىدىن قارىمۇ قارشى كۆتۈرۈلۈپ چىقىپ گىرىپتار بولغۇچىنىڭ بېشىنى چاسا شەكىلدە كۆرسىتىدۇ. مېڭە ئالدى لىپىلدىقى چوڭىيىپ، پۈتۈشى كەينىگە سۈرۈلۈش، چىشىنىڭ چىقىشى كەينىگە سۈرۈلۈش، توخۇ كۆكرەك ياكى ۋارونكا كۆكرەك، <O شەكىللىك پۇت> ياكى <x شەكىللىك پۇت>، تەنھەرىكەت ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى ئارقىدا قېلىش، ئاساسلىق ئىپادىسى باش بويۇن قىسمى ئاجىزلاش، ئولتۇرۇش، قوپۇش، مېڭىش قاتارلىقلارنىڭ يېتىلىشى ئارقىدا قېلىش، ئېغىر دەرىجىدە گىرىپتار بولغۇچىلاردا دائىم ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىزلاش ھەمدە ئاسانلا يۇقۇملىنىش، ھەزىم ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىش قاتارلىقلار بىللە كېلىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا داۋالاتماي ئۈچ ياشتىن ئېشىپ كەتسە دائىم ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى سۆڭەك غەيرىيلىشىش كېسەللىك ئاسارىتى قالىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە