نېمە ئۈچۈن يىڭناغۇچ ئايروپىلانغا ئوخشىشىدۇ دېيىلىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
يىڭناغۇچ دائىم ئۇچرايدىغان ھاشارات. ئۇنىڭ تۈپتۈز قانىتى. ئىنچىكە ئۇزۇن قورسىقى بار، شۇڭا بوشلۇقتا خالىسا ناھايىتى تېز ئۇچالايدۇ، خالىسا كۆل سۈيىنىڭ يۈزىدە يېنىك ئۇچۇپ تۇرالايدۇ، قارىماققا كىچىك ئايروپىلانغىلا ئوخشىشىدۇ.
يىڭناغۇچنىڭ بەدىنىلا ئايروپىلانغا ئوخشىشىپ قالماستىن، بوشلۇقتا ئۇچۇش ئىقتىدارىمۇ ئايروپىلانغا ئوخشىشىدۇ. ئۇ تېز ئۇچالايدۇ، ئېگىز ئۇچالايدۇ. ئۇنىڭ كارامىتى شۇكى، نى - نى زامانىۋى ئايروپىلانلار ئورۇندىيالمايدىغان قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ھەرىكەتلەرنى ئورۇندىيالايدۇ، مەسىلەن، ئۇ يانچىلاپ ئۇچالايدۇ، كەينىچىلەپ ئۇچالايدۇ، بوشلۇقتا تىك لەيلەپ تۇرالايدۇ، ئۇشتۇمتۇتلا ئۇچۇپ كېتەلەيدۇ ياكى تېز سۈرئەتتە ئۇچۇپ كېتىۋېتىپ ئۇشتۇمتۇتلا قونالايدۇ.
ئالىملار يىڭناغۇچنىڭ بەدەن تۈزۈلۈشىنى تەتقىق قىلغاندا، ئۇنىڭ قانىتىنىڭ يۇمشاق ھەم نېپىز، ئېغىرلىقى ئاران 0.05 گرام كېلىدىغانلىقىنى، لېكىن سېكۇنىتىغا 30 - 50 قېتىمغىچە بولغان چاستوتا بىلەن پىژىلداپ تېز سۈرئەتتە ئۇچالايدىغانلىقىنى بايقىغان. ئەگەر ئايروپىلان تېز سۈرئەت بىلەن ئۇچسا، قانىتى تىترەپ ئاسانلا سۇنۇپ كېتىدۇ، ئەمما يىڭناغۇچنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇنداق بولمايدۇ؟
ئەسلىدە، بۇنىڭدىن 1000 مىلياردا يىل ئىلگىرى تەبىئەت يىڭناغۇچقا سىلكىندۈرمەيدىغان خاسىيەتلىك قۇرۇلما ئاتا قىلغانىكەن، ئۇ بولسىمۇ قانىتىنىڭ ئالدى گىرۋىكىدىكى رەڭگى قېنىق، مۈڭگۈز ماددىسى قېلىن بولغان قانات كۆزى بولۇپ، يىڭناغۇچ ئۇچقاندا قانىتىنى سىلكىنىشنىڭ زىيىنىغا ئۇچراتمايدىكەن.
ئالىملار يىڭناغۇچنىڭ قانات كۆزىدىن ئىلھام ئېلىپ، ئايروپىلان قانىتىنىڭ ئالدىنقى گىرۋىكىگە ئېغىرلىتىش قۇرۇلمىسىنى ئورنىتىپ ئايروپىلان قانىتىنىڭ سۇنۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سىلكىنىشنى تۈگەتتى.