قانچە ياشتىكى ئەر - خوتۇنلاردىن بولغان بالا ئەڭ ئەقىللىق بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
توي مەسىلىسىدە كىشىلەرنىڭ ئەڭ دىققەت قىلىدىغىنى ھېسسىيات. پەرزەنت كۆرۈش مەسىلىسىدە، ئالىملارنىڭ دىققەت قىلىدىغىنى يەنىلا ئىرسىيەت. فرانسىيە ئىرسىيەتشۇناس ئالىمى مولسىنىڭ 1989 - يىلىدىكى تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، يېشى 30 ~ 35 ياشلاردا بولغان ئەرلەردىن تۇغۇلغان بالىلار ئەڭ ئەقىللىق بولىدىكەن، مولسىنىڭ دېيىشىچە، ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقىنىڭ سۈپەت ساپاسى 30 ياشقا كىرگەندە ئەڭ يۇقىرى چوققىغا يېتىدىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىل ئىچىدە سۈپىتى ئەڭ ياخشى بولىدىكەن، يەنە بىر جەھەتتىن، فىزىئولوگىيىشۇناسلارنىڭ ئورتاق ئېتىراپ قىلىشىچە، ئاياللارنىڭ 23 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغان مەزگىلى پەرزەنت كۆرۈشتىكى ئەڭ ياخشى باسقۇچى ئىكەن. بۇ مەزگىلدە ئاياللارنىڭ پۈتۈن بەدىنى مۇكەممەل، تولۇق يېتىلگەن بولۇپ، تۇخۇمنىڭ سۈپىتى ئەڭ ياخشى بولىدىكەن. ئەگەر بۇ مەزگىلدە ھامىلىدار بولۇپ، پەرزەنت كۆرسە، ئاياللاردا بولىدىغان ئەگەشمە كېسەللىكلەر، تۇغۇت مەزگىلىدىكى خەتەر ئاز بولىدىكەن، ھامىلىنىڭ يېتىلىشى ياخشى بولۇپ، بالدۇر تۇغۇش، ھامىلىنىڭ غەلىتە بولۇپ قېلىش ۋە گومۇش تۇغۇلۇش نىسبىتى ئىنتايىن ئاز بولىدىكەن. بۇ ياشتىكى ئەر - خوتۇنلارنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىسىمۇ بىر ئاز مول بولۇپ، بالا تەربىيىلەش ئىقتىدارىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئەگەر بالدۇر ھامىلىدار بولۇپ، بالدۇر پەرزەنت كۆرسە، ھامىلىنىڭ يېتىلىش جەريانىدا ئانا بىلەن ھامىلىگە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كۆپ يۈز بېرىپ، ئانىنىڭ سالامەتلىكى ۋە ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەر - ئاياللارنىڭ سۈپەتلىك تۇغۇشتىكى ياش بىرىكمىسى ئاۋۋالقىسى كېيىنكىسىدىن يەتتە ياش ئەتراپىدا چوڭ بولسا مۇۋاپىق.