UyghurWiki
UyghurWikiنەمەمۈشۈكئېيىق شۇنچە ئەتىۋرلىقمۇ؟

مۈشۈكئېيىق شۇنچە ئەتىۋرلىقمۇ؟

نېمە ئۈچۈن مۈشۈكئېيىق ئېلىمىزدە ياشايدىكەن ئۆزگىچە ئەتىۋارلىق ھايۋان، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئەتىۋارلىق ھايۋانلارنىڭ بىرى. ئۇ پەقەت ئېلىمىزنىڭ سىچۇەن، گەنسۇ، شەنشى ئۆلكىلىردىكى بەزى تاغلىق رايونلاردا ياشايدۇ. ئۇنىڭ سانى ناھايىتى ئاز بولغاچقان، «دۆلەت گۆھىرى» دەپ نام بېرىلگەن. مۈشۈكئېيىقنىڭ ئۇزۇنلۇقى1.5 - 1.8 مېتىر، ئېغىرلىقى 100 كىلوگرامدىن ئارتۇق بولۇپ، بېشى يۇمىلاق، قۇلىقى كىچىك، پۇت - قوللىرى توم، قۇيرۇقى ناھايىتى قىسقا كېلىدۇ. مۈرە، پۇت - قول، بۇرۇن ۋە قۇلىقى قارا بولغاندىن سىرت قالغان يەرلىرى ئاق رەڭلىك بولىدۇ، كۆزىنىڭ ئەتراپى بولسا قارا ھالقىسىمان شەكلىدە. ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى ئوماق بولۇپلا قالماي، ھەرىكىتىمۇ ناھايىتى قىزىقارلىق بولۇپ، كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدۇ. مۈشۈكئېيىقنىڭ ئەۋلادى گۆشخور ھايۋان بولسىمۇ، لېكىن تەدرىجىي ئۆزگىرىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئۇ ئوت - چۆپ يېيىشكە ئامراق بولۇپ قالغان. بامبۇك ئۇنىڭ يېمەكلىكلىرىنىڭ 99 پىرسەنتىنى ئىگلەيدۇ. ئۇ جۇڭگو بامبۇكىغا ئالاھىدە ئامراق. جۇڭگوبامبۇكى قەرەرللىك چېچەكلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چېچەكلىگەندىن كېيىن قۇرۇپ قالىدۇ. يېڭى نوتىلار 20 - 30 يىلدا ئاران چوڭ بولىدۇ. ئەگەر مۈشۈكئېيىق تۇرۇۋاتقان جايدىكى جۇڭگو بامبۇكى چېچەكلەپ قالسا، ئۇنىڭ ئوزۇقلۇقى ئېغىر دەرىجىدە يېتىشمەيدۇ - دە، ھاياتى خەۋپكە دۇچ كېلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، مۈشۈكئېيىقنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، ھەر قېتىمدا ئاران بىر - ئىككىنى تۇغىدۇ. ئۇنىڭ بالىسى تۇغۇلغاندا ناھايىتى ئاجىز بولۇپ، ئېغىرلىقى ئاران 90 - 150 گرام كېلىدۇ. ئادەتتە ئالتە - يەتتە ئايدىن كېيىن ئاندىن مۇستەقىل ئوزۇقلىنالايدىغان ھالەتكە كېلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە